Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىن
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئىن، ئۇۋا؛ غىلاپ:
فۇسۇنغە ئايتىبان يالغۇنۇ چىندىن،
چېكەر ئەفئىنى ئەگسۇن بىرلە ئىندىن.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئۇگا، ئۇۋا، ياتاق.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
خاماندا يانچىلىپ، سورۇلماي قالغان بۇغداي؛ مالنىڭ ئىنى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئىن.
شىر، تۈلكە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ئۇۋىسى. بۇ سۆز « يىن» شەكلىدىمۇ كېلىدۇ.
1 - 69
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قوي ژىنى، يىن.
« يىن» شەكلىدىمۇ كېلىدۇ.
1 - 69
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ھاشارات ۋە ھايۋانلارنىڭ ياتىدىغان جايى.
ئېيىق ئىنى.
نېمىشقا باھار كەلسە بارچە ئادەم، گۈزەللىك تۇيغۇسىغا كۆمۈلىدۇ؟ ئىنىدىن چىقىپ جىمى جان - جانىۋار، پاراغەت دەرياسىغا چۆمۈلىدۇ؟
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال «بۆلە» گە قاراڭ