Uyghur→Chineseئاساسىي لۇغەت
سىن گېرمان سۈلھ شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
圣日耳曼和约
shèng rì ěr màn hé yuē
تولۇق ئاتىلىشى <ئانتانتا دۆلەتلەر ۋە ئۇرۇشقا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ ئاۋسترىيە بىلەن بولغان سۈلھ شەرتنامىسى>. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى ئاياغلاشتۇرغان ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى دۇنيانىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇشىنى شەكىللەندۈرگەن ۋېرسال ۋاشىنگتون سىستېمىلىرى سۈلھشەرتنامىلىرىنىڭ بىرى. 1919 - يىلى 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق ئۇرۇشتا يەڭگەن دۆلەتلەر ئۇرۇشتا يېڭىلگەن ئاۋسترىيە بىلەن پارىژنىڭ يېنىدىكى سىن. گېرمان سارىيىدا ئىمزالىغان. ئاساسىي مەزمونى: ئاۋسترىيە كراينا ۋە كارىنتىيە ئۆلكىلىرىنىڭ بىر قىسىم زېمىنىنى ھەمدە گوستىنلەن ۋە جەنۇبىي تىرولنى ئىتالىيىگە بۆلۈپ بېرىش؛ بۇكوۋىنا رومىنىيىگە تەۋە بولۇش؛ چېخوسلوۋاكىيە، يۇگوسلاۋىيە ۋە ۋىنگرىيە قاتارلىقلارنىڭ پۈتۈنلەي مۇستەقىل بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش؛ ئاۋسترىيە ئومۇميۈزلۈك ئەسكەر ئېلىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، پىدائىي ئەسكەرلەردىن تەركىپ تاپقان قوشۇننىڭ ئادەم سانىنى 30 مىڭ (ئوفىتسېر ۋە زاپاس قىسمىمۇ مۇشۇنىڭ ئىچىدە)دىن ئاشۇرۋەتمەسلىك، ھەربىي پاراخوت، سۇ ئاستى كېمىلىرى ۋە سودا پاراخوتلىرىنى ئۇرۇشتا يەڭگەن دۆلەتلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىش؛ خەلقئارالىق ئىتتىپاق مەمۇرىيەت مەھكىمىسىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپمۇ، ئاۋستىرىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ قوشۇلۇپ كېتىشنى چەكلەشتىن ئىبارەت. خابسبۇرگ خاندانلىقى مۇشۇنىڭ بىلەن ئاياغلاشقان. ئامېرىكا پارلامېنتى بۇ سۈلھ شەرتنامىنى تەستىقلىماي، ئاۋسترىيە بىلەن 1921 - يىلى 8 - ئايدا ۋېنادا ئۆز ئالدىغا ئايرىم سۈلھ شەرتنامە تۈزگەن. جۇڭگو شىمالىي مىلىتارىستلار ھۆكۈمىتى ۋەكىل ئەۋەتىپ، شۇ سۈلھ شەرتنامىگە ئىمزا قويغان.