Uyghurئاساسىي لۇغەت
تۆمۈر قوغدىغۇچىلار پولكى
دۇنيا تارىخى
رومىنىيىدىكى فاشىستىك تەشكىلات. ئەسلى كودرېئانۇ (1899 - 1938) رەھبەرلىك قىلغان <خرىستىئان دۆلەت مۇداپىئە ئىتتىپاقى> قاتارلىق تەشكىلاتلاردىن تەدرىجىي تەشكىل قىلىنغان. 1927-يىلى كورېئانۇ ئىتتىپاقتىن ئايرىلىپ، <مالايىكا مىخائىل جۈنتۇەنى> نى قۇرغان. 1930-يىلى 3-ئايدا بۇ تۇەن <تۆمۈر قوغدىغۇچىلار پولكى> گە ئۆزگەرتىلگەن. مالىيە جەھەتتە ۋە سىياسىي جەھەتتە گېرمانىيە گىتلېر گۇرۇھىنىڭ ۋە ئۆز مەملىكىتىدىكى ئەسكىيەتچى يۇقىرى قاتلام ئۇنسۇرلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. 1933-يىلى 12-ئايدا فاشىزمغا قارشى تۇرغۇچى ئەركىنلىك پارتىيىسى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن. لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي مەزكۇر پارتىيىنىڭ رھبىرى، مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ رەئىسى دوكا (1879 - 1933) نى ئۆلتۈرگەن. 1935-يىلى يەنە <ھەممە ۋەتەن ئۈچۈن> دېگەن شوئار بىلەن يېڭىۋاشتىن ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان. 1938-يىلى 2-ئايغا كەلگەندە ئىچكى ئىختىلاپلار تۈپەيلىدىن ئۆزلۈكىدىن تارقىلىپ كەتكەن. 1938-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1939-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىغىچە بولغان ئارىلىقتا يەنە قوزغىلىپ كارول Ⅱ نىڭ مۇستەبىتلىكىگە قارشى تۇرغان ھەمدە كالىنېسكۇ (1893 - 1939) زۇڭلىنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرگەن. كېيىن ئۇنىڭ باشلىقلىرىنىڭ كۆپ قىسمى كارول Ⅱ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. 1940-يىل 9-ئاينىڭ 16-كۈنى كارول Ⅱ نىڭ ئورۇن بوشىتىپ بېرىشى بىلەن يېڭىدىن قۇرۇلغان فاشىستىك ھۆكۈمەتكە قاتناشقان، كوممۇنىستلار ۋە ئىلغار كىشىلەرنى باستۇرۇشقا قاتناشقان. 1941-يىلى 1-ئاينىڭ 22 - 24 - كۈنلىرى ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش مەقسىتىدە توپىلاڭ كۆتۈرگەن، گىتلېر گۇرۇھىنىڭ ياردىمىدىن مەھرۇم قالغانلىقتىن، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئانتونېسكو گۇرۇھى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان.