Uyghurئاساسىي لۇغەت
پاتاڭ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بەدەندىكى مۇسكۇللارنى سۆڭەككە بىرلەشتۈرۈپ تۇرىدىغان چىڭ ۋە ئەۋرىشىم توقۇلما.
دۈشمەننىڭ پېيىنى قىرقى. پەي تارتىشماق. سىڭىر يېگەن ئىت جىم تۇرالماس. تارمۇچنى تارتىپ يە. غەيۋەت _ پىشماق پاتاڭ، نەگە تارتسا شۇ يەرگە بارار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەمنىڭ قوللىرى دۈمبىگە، بويۇنغا تۇتاشقان يەر.
كۆزى گەجگىسىگە چىقىپ قاپتۇ، ئەقلى دۈمبىسىگە. سۇنغان قول يەلكىگە يۈك. يېتىمنىڭ رىزقىنى يېگۈچە، پاتىڭىڭدىن كېسىپ يە. ئۆيىگە توشۇغاننىڭ شىللىسى ئاغرىماس. خەقنى مۈرەڭگە چىقارساڭ، ھە دېگۈچە بېشىڭغا چىقىدۇ. دولسى
شىۋىلەر
گەجگە، بويۇننىڭ ئارقا تەرىپى؛ بويۇن گۆشىدە بولىدىغان پەيسىمان ماددا (بەزى جايلاردا «چاچ» مۇ دېيىلىدۇ).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ئومۇرتقا سۆڭەكلىرىنى بويلاپ ئورۇنلاشقان چوڭ پەي.
كالا پاتىڭى. تۆگە پاتىڭى. پاتاڭ سالماق.
بويۇننىڭ ئارقا تەرىپى، گەدەن.
پاتىڭى، پاتاڭ سالماق.
بويۇننىڭ ئارقا تەرىپى، گەدەن.
پاتىڭى يوغان.
پاتاڭ گۆش.
كۆچمە. زىممە، گەدەن، ئۆز ئۈستى.
پاتىڭىدىكى قەرزلەر كۈنسېرى كۆپىيىۋەرگەن ئەزالارنىڭ بەزىسى ياقا يۇرتلارغا قېچىپ كېتىشتى.