Uyghur→Chineseئاساسىي لۇغەت
رابېلى
دۇنيا تارىخى
拉伯雷
lā bó léi
(تەخمىنەن 1494-1553) تەخەللۇسى ناسئېر. ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ گۈللىنىش دەۋرىدىكى فرانسىيىلىك يازغۇچى. گۇمانىتارىست. شىنون (فرانسىيىنىڭ شىمالي قىسمىغا جايلاشقان) شەھىرىدىكى ئادۋوكات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1515 - 1518-يىللىرى موناستىرغا كىرىپ بىلىم ئالغان. 1520-يىلى فرانسىيىسكو موناخى بولغان، كېيىن بېرىلىپ مېدىتسېنا ئۆگەنگەن ھەمدە مونتپېللېر ئۇنۋېرستېتىغا كىرىپ بىلىمنى ئاشۇرغان. پەلسەپە، كلاسسىك تىلشۇناسلىق، ئاسترونومىيە، قانۇنشۇناسلىق قاتارلىق كۆپ خىل پەنلەرنى تەتقىق قىلغان. 1532-يىلى لېئوندا دوختۇرخانا ئېچىپ تىجارەت قلىشقا كىرىشكەن. بوش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، 20 نەچچە يىل سەرپ قىلىپ، فرانسۇز تىلىدا <گىگانت ئادەملەر قىسسىسى> (ئەلسى ئىسمى <گارگانتۇئا ۋە پانتاگروئېل>) دېگەن بەش توملۇق روماننى يېزىپ چىققان. روماندا ئىككى گىگانت ئادەم يەنى گارگارنتوئا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى پانتاگروئېلنىڭ ھېكايىسى ئارقىلىق، كاتولىك چېركاۋنىڭ زۇلمەتلىكلىكىنى پاش قىلىپ، مەدرىس پەلسەپىسى ۋە ئوتتۇرا ئەسىر مائارىپنىڭ چىرىكلىكىنى سۆكۈپ، گۇمانىزمنى تەشۋىق قىلغان. شۇڭا بۇ كىتاپ چەكلەنگەن كىتابلار قاتارىغا كىرگۈزۈلەگن ئۇنىڭ ئۆزى مېتىس (ئەينى ۋاقىتتا مۇقەددەس رىم ئىپېرىيىسىگە قاراشلىق ئىدى، ھازىر فرانسىيىگە قاراشلىق) قاتارلىق جايلارغا قېچىپ بېرىپ پاناھلانغان.