Uyghurئاساسىي لۇغەت
دەۋران
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئايلىنىش، سەير قىلىش؛ پەلەك، دائىرە.
ئەسىر، ئۆتۈپ تۇرغان دەۋرلەر، زامان:
يەر يۈزى، دۇنيا؛ تىرىكلىك، ھاياتلىق:
1. دىلرەبالار قەسدىن ئەيلەپ بولماغىل مەغرۇركىم،
شاھىدى دەۋران ساڭا گەر كۆرسەتۇر بادى بۇرۇت.
ئەرشى.
3. تا كۆڭۈل بەردىم ساڭا، ئەي مەھۋەشى ھۇرى زەمان،
راھەتى دەۋران يۈزىنى بىر زەمانى كۆرمەدىم.
قەلەندەر.
4. كى، ئەي شەھزادەئى جەمشىدى دەۋران،
سەلاتىن نەسلىنى خاللاقى سۇلتان...
ناقىس.
قۇلۇڭ گەر بولسەلەر شەھلەر، تاڭ ئېرمەس، ئەي پەرى پەيكەر،
سېنىڭدەك سۈرمەگەن دەۋران جەھان ئىچرە سۇلەيمان ھەم.
قەلەندەر.
5. گۇلخەند قىلىپ ئىلگە تۇرۇپ سۇندى ئەياق،
تەئجىل ئەيەلگىل ساقىئى دەۋران ئۆتتى.
گۇمنام.
پادىشاھلىق، ھۆكۈمرانلىق:
نۆۋەت، دۆرەم:
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
<دەۋەران> مۇ دېيىلىدۇ. ئايلىنىش، گەردىش: دەۋران گەرد - دەۋرلەر كەچۈرگۈچى؛ دەۋرانى ھۆسىن - گۈزەللىك دەۋرى؛ دەۋران تاشى - كۆچمە مەنىدە: دۇنيانىڭ تەشۋىشلىرى؛ دەۋران ئۆيى - كۆچمە مەنىدە: ئالەم، دۇنيا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دەۋرلەر، زامان.
دەۋران ماڭا يېڭى قەلەم بەردى. ئەمدى يازماي قاچان يازغۇلۇق!
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
دەۋر سۈرسۇن، ئۆمرى شات، بەختىيار ئۆتسۇن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
زامانلار، دەۋرلەر