Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئامىن
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
پاتىھەدە: ئىلاھا شۇنداق بولسۇن، ئېيتقىنىڭىز كەلسۇن، دۇئايىمىزنى قوبۇل قىلىڭ مەنىسىدە ئىشلىتىلىدىغان دۇئا ئىبارىسى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
<قوبۇل قىلغىن، ماقۇل دېگىن> دېگەن ئۇقۇملارنى بىلدۈرىدۇ.
بىئولوگىيە
بۇ ئەسلىي ئىبرانىي تىلىدىكى سۆز بولۇپ، مەنىسى <سەمىمىي> دېگەنلىك بولىدۇ. مۇسۇلمانلار <سۈرە فاتىھە> نى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، <ئاللا تىلىكىمنى ئىجابەت قىلغايسەن> دېگەن مەنىدە ئامىن دەيدۇ. بەزى ئۆلىمالار <سۈرە بەقەر> نى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىنمۇ شۇنداق دېيىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە ئىبرانىي تىلىدىن كىرگەن سۆز بولۇپ، مەنىسى « ئاللا تىلىكىمنى ئىجابەت قىلغايسەن » دېگەنلىك بولىدۇ. ئىمام سۈرە فتىھەنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، نامازدىكى كىشلەر ئىچىدە يۇقىرى ئاۋازدا « ئامىن » دەيدۇ. مۇسۇلمانلار ۋاپات بولغان ئادەمنى خاتىرىلەش ياكى يىغىلىش ئۆتكۈزۈش سورۇنىدا دۇئا قىلىپ يۈزىنى سىلىغاندىمۇ « ئامىن » دەيدۇ. شەرىئەتتە بەلگىلىنىشىچە، « ئامىن » دېيىش سۈننەت بولۇپ، مۇسۇلمانلار ئاللاغا يۈزلەنگەندە « ئامىن » دېيىش ئارقىلىق ئاللاغا ئىلتىجاسىنى ۋە تەشەككۈرىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىملىق سۆز
ئەرەبچە
پاتىھەدە <ئىلاھى شۇنداق بولسۇن، ئېيتقىنىڭىز كەلسۇن> دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدىغان سۆز.
ئابدۇللا ئىختىيارسىز دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ: - شۇنداق بولغاي! ئامىن. ئاللا مەدەت قىلسۇن، ئامىن …، - دېدى.