Uyghur→Chineseئاساسىي لۇغەت
راما
دۇنيا تارىخى
拉玛八世
lā mǎ bā shì
(1925 - 1946) ئانانداماخىدول دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سىيام (ھازىرقى تايلاند) باڭكوك خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى. رام ⅤⅡ نىڭ جىيەنى. كىچىك ۋاقتىدا چەت ئەلدە ئولتۇراقلاشقان، 1935-يىلى پارلامېنتنىڭ قارارى بىلەن تەختكە ۋارىسلىق قىلغان چاغدا توققۇز ياشقا كىرگەن. شۇڭا، ئادىي دىباپا شاھزادە باشچىلىقىدىكى نائىب ھەيئەت تەسىس قىلىنغان، ئەمەلىيەتتە زۇڭلى پىيافاخون پونپخايا خاسېنا (1900 - 1983) دىن ئىبارەت ئۈچ كاتتىباش ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. 1939-يىلى دۆلەت نامىنى تايلاندقا ئۆزگەرتكەن. 1941-يىلى راما ⅤⅢ شۋىتسارىيىدىن ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ تاج كىيگەن. كېيىن يارىلىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
拉马〈美〉
lā mǎ 〈měi 〉Dيېزا ئىگىلىك
苎麻
zhù máDئۇنىۋېرسال
苎麻
zhù má
دۇنيا تارىخى
拉玛一世
lā mǎ yí shì
(1737 - 1809) ئەسلى ئىسمى چاۋپراياچاكرى. سىيام (ھازىرقى تايلاند) باڭكوك خاندانىقىنىڭ ئاساسچىسى. ئەسلىدە سىيام تونبۇرى خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى فراساۋنىڭ قول ئاستىدا ئوفىتسېر بولغان. 1782-يىلى فراساۋنى ئۆلتۈرۈپ ئۆزى پادىشاھ (1782 - 1809) بولغان. ئۇ تەختكە چىققاندىن كېيىن پايتەختنى باڭكوكقا كۆچۈرگەن. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلىدە ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت زېمىنىنى كېڭەيتكەن. 1805-يىلى ئىككى قانۇن تۈزۈپ چىقىپ، ئۇنى دۆلەت قانۇنى قىلغان. 1785-يىلىدىن كېيىن بىرمىنىڭ ھۇجۇمىنى بىر قانچە قېتىم مەغلۇپ قىلغان ھەمدە غەلبىدىن پايدىلىنىپ مالاي يېرىم ئارىلىدىكى كېدا، پاتتانى، تېرېڭگانۇ ۋە كېلانتان قاتارلىق جايلارنى بويسۇندۇرغان. جۇڭگو (چىڭ سۇلالىسى چيەنلۇڭ بىلەن جياچىڭ مەزگىللىرى) بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن. مەشھۇر قاشتېشى بۇتخانىسى (باڭكوك ئوردا ئىبادەتخانىسى) مۇ ئۇ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە (1784) ياسالغان.
دۇنيا تارىخى
拉玛四世
lā mǎ sì shì
(1804 - 1868) ئىمپېراتور موككۇت ياكى كىڭ ماخا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سىيام (ھازىرقى تايلاند) باڭكوك خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى (1851 - 1868). راما Ⅰ نىڭ نەۋرىسى. 27 يىل راھىب بولۇپ بۇددا تەتقىقاتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ، دارمايۇ مەزھىپىنىڭ ئاساسچىسى بولغان. 1851-يىلى تەختكە ۋارىسلىق قىلغان، ياۋروپاغا تەقلىد قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، غەربكە ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ، سىياسىي، ئىقىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتلەرە ئىسلاھات ئېلىپ بارغان. ئىسلاھاتنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق: ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى خادىملارنى ياللاپ ئىشلىتىش؛ سودا جەھەتتە فېئودال مونوپوللۇق تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، گۈرۈچ ئېكسپورت قىلىشنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقىنى ۋە شېكەر سېتىۋېلىشنى مونوپول قىلىش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ يېڭى تىپتىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى قۇرۇش قاتارلىقلار. 1855-يىلى ئەنگلاىيە بىلەن تەڭسىز شەرتنامە ئىمزالاشقا مەجبۇر بولغان، 1856-يىلىدىن كېيىن يەنە ئامېرىكا، فرانسىيە قاتارلىق توققۇز دۆلەت بىلەن ئارقا - ئارقىدىن شۇنىڭغا ئوخشاش شەرتنامە تۈزۈپ، سىيامنى يېرىم مۇستەملىكىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان.
دۇنيا تارىخى
拉玛五世
lā mǎ wǔ shì
(1853 - 1910) ئىمپېراتور چۇلوڭكورن دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سىيام (ھازىرقى تايلاند) باڭكوك خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى 1868 - 1910(. راما Ⅳ نىڭ ئوغلى. تەختكە چىققاند 15 ياشقا كىرگەن بولغاچقا، پاىدشاھ جەمەتىدىكىلەر بەش يىل نايىب بولغان. ئۇ بۇ مەزگىلدە سىنگاپور، ياۋا ۋە ھىندىستاننى ساياھەت قىلغان. ياشلىق دەۋرىدىن باشلاپ ياۋروپاچە تەربىيىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە تەدرىجىي ھالدا ئىسلاھات ئىدىيىسىنى يېتىشتۈرگەن. ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر قاتار مۇھىم ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان، مەسىلەن، دۆلەتنىڭ باشقۇرۇش ئورگانلىرىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئون مىنىستىرلىك تەسىس قىلغان، ئۇ تايلاند يېقىنقى زامان مەمۇرىي تۈزۈمىنىڭ دەسلەپكى شەكلى بولۇپ قالغان؛ فېئودال تەپرىقچى كۈچلەرنى كونترول قىلىش، مالىيەنى تەرتىپكە سېلىش، تۆمۈريول ياساش، مائارىپىنى يولغا قويۇش، قانۇننى ئىسلاھ قىلىش، قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش قاتارلىق ئىسلاھاتلىرى سىيامنىڭ يېقىنقى زاماندىكى تەرەققىياتىنى تېزلەتكەن. 1893-يىلى <فرانىيە - سىيام باڭكوك شەرتنامىسى> نى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولۇپ، مېكوڭ دەرياسىنىڭ سول قىرىقىدىكى زېمىنىنى ۋە دەريانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر قانچە كىچىك ئاراللىرىنى فرانسىيىگە بۆلۈپ بەرگەن. 1909-يىلى 3-ئايدا ئەنگلىيە بىلەن يېڭى شەرتنامە )يەنى <ئەنگلىيە - سىيام باڭكوڭ شەرتنامىسى>( تۈزگەن.
دۇنيا تارىخى
拉玛七世
lā mǎ qī shì
)1893 - 1941( يەنە بىر ئىسمى پراجاد خىپوك سىيام )ھازىرقى تايلاند( باڭكوك خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى )1925 - 1935(. راما Ⅴ نىڭ كەنجى ئوغلى، راما Ⅵ نىڭ ئىنىسى، فرانسىيە ۋە ئەنگلىيىدە ھەربىي ئىشلار ۋە ئەدەبىيات ئۆگىنىپ، غەربنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. 1932-يىلى 24-ئىيۇن سىياسىي ئۆزگىرىشىدە بىر مەھەل قاماپ قويۇلغان، كېيىن يېڭى ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشقا دەرھال قوشۇلغان. 1933-يىل 4-ئايدا مىللىي پارلامېنت بىلەن گوۋۇيۈەننى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى جاكارلاپ، قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىنى قايتىدىن ئىگىلىگەن. كېيىن يېڭى ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى بىلەن بولغان توقۇنۇشى كۈنسايىن كۈچەيگەچكە، 1934-يىى 1-ئايدا كېسىلىنى داۋالىتىش نامى بىلەن ياۋروپاغا بېرىپ زىيارەت قىلىپ، ۋەتەنگە قايتىپ كەلمىگەن. 1935-يىل 3-ئاينىڭ 2-كۈنى ىياسىي كۆز قاراش جەھەتتە مەملىكەت ئىچىدىكىلەر بىلەن ئىختىلاپ يۈز بەرگەنلىكتىن، تەختنى بوشىتىپ بەرگەنلىكىنى رەسمىي جاكارلىغان. كېيىن لوندوندا ۋاپات بولغان.