Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىشىق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سۆيگۈ، ئاشىقلىق، مۇھەببەت:
ئەي، كۆزلەرى نەرگىس، خەتى رەيھان، قەدى شەمشاد،
بۇلبۇل كەبى ئىشقىڭدا ئىشىم نالەۋۇ پەرياد.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
نۇر، يورۇقلۇق، روشەنلىك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جىسىمنى يورۇتۇپ، كۆرگىلى بولىدىغان قىلىدىغان نەرسە، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ئېلېكتر ماگنېت دولقۇنى.
سوقۇرغا يورۇقنىڭ نېمە كېرىكى!؟ قۇياشنىڭ نۇرىنى توسقىلى بولماس. تەقدىر يامانلىقنى كۆرگەندە راۋا، ساۋاق ئال ئۇنىڭدىن تاپقىن نۇر - زىيا. قۇياش قانچە ئېگىز بولسا، شولىسى شۇنچە قىسقا بولار. نۇرنىڭ تاقىلىش سۈرئىتى سېكۇنتىغا تەخمىنەن 300 مىڭ كىلومېتىر.