Uyghurئاساسىي لۇغەت
كېرەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تەلەپ ۋە ئېھتىياجنى بىلدۈرىدۇ.
«كېرەك» پېئىلىنىڭ شەرت مەيلى بىلەن بىرىككەندە ئېھتىماللىق، تەخمىن، گۇماننى بىلدۈرىدۇ. باشقىلىرىدا بۇ ھال يوق.
كېرەككە تېرەك يىقىلىدۇ. يىغقان مال جانغا كېرەك. بۈگۈن يامغۇر ياغسا كېرەك. قىممەتلىك پىكىرىمىز ھەقىقەتكە زىت كېلىپ قالغاندا، ئۇنىڭدىن ۋازكېچىشكە رازى بولۇشىمىز. تىرىشچانلىق ۋە قانائەتلەنمەسلىك ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن ھەممىدىن بەك زۆرۈر. ئېڭىكى چۈشكەن چاغدا ياڭاق چېقىش ھاجەتمۇ؟ ئوقۇغاننى تەكرارلاپ تۇرۇش تېگىشلىك ئەمەسمۇ؟ پۇقرالار قانۇنلارغا رىئايە قىلىشى شەرت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
زۆرۈر؛ لازىم.
شەھەردە كۆز كېرەك، جاڭگالدا قۇلاق كېرەك (ماقال).
ئۇ قىزلار ئۆزلىرىگىمۇ كېرەك نەسىلەرنى ئېلىپ بىر قۇتا دورا كۆتۈرۈپ كىرىپتۇ.
دېمىسىمۇ گۆھەر مەلىكە تۇرغان ئۆيگە كېچىسى چىراغنىڭ كېرىكى يوق.
ئىسىمداش ۋە شەخس قوشۇمچىلىرى ئېلىپ كەلگەن ئىسىمداشلار بىلەن كېلىپ، ئىسىمداش بىلدۈرگەن ئىش - ھەرىكەتنىڭ بېجىرىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈرىدۇ.
لەيلىگۈلنى تۈمەن دەرياسىنىڭ ئاستىدىن تېپىشىم، ئۇنىڭ بىلەن مۇراد - مەقسىتىمگە يېتىشىم كېرەك.
شەرت مەيلىدىكى پېئىل بىلەن كېلىپ مۆلچەر ۋە ئېھتىماللىقنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇ ئېھتىمال مۇشۇ ئاشخانىنىڭ خوجايىنى بولسا كېرەك.