Uyghur→Chineseئاساسىي لۇغەت
تۆت پەسىل جەمئىيىتى
دۇنيا تارىخى
四季社
sì jì shè
فرانسىيەنىڭ ئىيۇل خاندانلىقى مەزگىلىدىكى مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلات. ئىيۇل خاندانلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە <خەلق دوستلىرى جەمئىيىتى>، <كىشىلىك ھوقۇقى ۋە پۇقرالىق ھوقۇقى جەمئىيىتى> ئارقا - ئارقىدىن تارقىتىۋېتىلگەن. 1835 - يىلى بلانكى قاتارلىق كىشىلەر <جەمەتلەر جەمئىيىتى> نى قۇرغان، 1837 - يىلى <تۆت پەسىل جەمئىيىتى> قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللىگەن. ئۇنىڭ مەقسىتى: ھازىرقى مالىيە ئاقسۆڭەكلىرى ھاكىمىيىتىنى زوراۋانلىق كۈچى ئارقىلىق ئاغدۇرۇپ تاشلاش، ئازساندىكى ئىنقىلابچىلار دىكتاتۇرىسى ئارقىلىق جۇمھۇرىيەت قۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. ئاساسىي قاتلام ئورنى <ھەپتە> (7ئادەم) بولۇپ، تۆت <ھەپتە> بىر <ئاي> نى (28 ئادەم)، ئۈچ <ئاي> بىر <پەسىل>نى، تۆت <پەسىل> بىر <يىل> نى تەشكىل قىلغان. 1839 - يىلى باھارغىچە جەمئىيەت ئەزالىرى تەخمىنەن 4 -5 مىڭ كىشىگە يەتكەن.شۇ يىلى 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى پارىژ قوزغىلىڭىنى قوزغاپ، شەھەر مەمۇرىيىتى مەھكىمىسىنى ئىگىلىگەن. لېكىن ئاممىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەنلىكتىن شۇ كۈنىلا باستۇرۇلغان. بلانكى قاتارلىق كىشىلەر قولغا ئېلىنىپ تۆت پەسىل جەمئىيىتى بىتچىت قىلىنغان.