Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھۈنەرلەرنىڭ قائىدە يوسۇنلىرى
جۇڭگو كەسىپ ئادەتلىرى
قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ خىللىرى ناھايىتى كۆپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز پىرى − ئاساس سالغۇچىسى ۋە قائىدە - يوسۇنى بولىدۇ.
قول ھۈنەرۋەنچىلىكتە ھۈنەرۋەنلەرنىڭ دەرىجىسى ئېنىق ئايرىلىدۇ. تاشچى، ياغاچچى، تامچىلار ئوخشاشلا لۇبەننى پىر ئۇستا تۇتۇپ ئېتىقاد قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تاشچىنىڭ ئورنى يۇقىرى بولىدۇ. قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئۆي ئىگىسى زىياپەت بەرگەندە، تاشچى تۆردىن ئورۇن ئالىدۇ. ئەمما توي مەرىكىسىدە يەنىلا تۆمۈرچى تۆرگە ئولتۇرغۇزۇلىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، تۆمۈرچىنىڭ پىر ئۇستىسى پەدەر - بۈزرۈكۋار (لاۋزى) ئىكەن. ئىككىنچى ئورۇندا تامچى، ياغاچچىلار، ئۈچىنچى ئورۇندا سۇۋاقچى، ئۆرۈمچى، ماشىنىچى قاتارلىقلار تۇرىدۇ. بىرقانچە خىلدىكى ھۈنەرۋەنلەر بىر ئۆي خوجايىنىنىڭ ئۆيىدە تاماق يەپ قالسا، ئارىدىن ئىجتىمائىي ئورنى ئەڭ تۆۋەن ھۈنەرۋەن چۆگۈن تۇتۇپ چاي ۋە ھاراق قۇيىدۇ.
كونا ئادەت بويىچە، ھۈنەر ئۆگىنىشتە چوقۇم ئۇستاز تۇتۇش − ئۇستا كۆرۈش كېرەك. نۇرغۇن ھۈنەرۋەنلەر ئىچىدە ئۇستا كۆرمەي ئۆزى ئۆگىنىۋالغانلىرى تېخنىكىسى ھەرقانچە يۇقىرى بولسىمۇ، كەسىپداشلىرى ئىچىدە ئېتىراپ قىلىنمايدۇ، خوجايىنلار تەكلىپ قىلمايدۇ. شاگىرتلار كۆپىنچە1 - ئايدا ئۇستاز تۇتىدۇ، ئالدى بىلەن بىر «ۋاسىتىچى» تەكلىپ قىلىنىدۇ، ئۇستازنىڭ ئۆيىگە تۇنجى بارغاندا ئۇچرىشىش سوۋغىسى ئېلىپ بارىدۇ، ئەگەر ئۇستاز قوشۇلسا، باشقا بىر قۇتلۇق كۈننى تاللاپ رەسمىي ئۇستاز تۇتۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ؛ قوشۇلمىسا سوۋغاتنى قايتۇرۇۋېتىدۇ. ئىلگىرى ئۇستاز تۇتۇشتا تىزلىنىپ تەزىم قىلاتتى ھەمدە شۇ كەسىپنىڭ پىر ئۇستىسىغا نەزىر قىلىپ، زىياپەت تەييارلاپ مېھمان چاقىراتتى، ئارقىدىن ئۇستاز - شاگىرتلىق توختىمى تۈزەتتى. توختام مەزمۇنىدا ئوتتۇرىلىقتا يالتىيىپ قالماسلىق ۋە «ئۈچ بىلەن كارى بولماسلىق» بەلگىلىمىسى بولىدۇ، يەنى شاگىرت بولۇپ ئىشلىگەن مەزگىلدە ئوتتا كۆيۈپ ئۆلسە، سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلسە، ئۇستازى ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويسا، ئۇستازى ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. شاگىرتنىڭ ئۈچ يىلغىچە ئاش - تامىقى بولىدۇ، ئىش ھەققى بولمايدۇ، يالغۇز ھۈنەر ئۆگىنىپلا قالماستىن، يەنە ئۇستازىنىڭ خىزمىتىنى قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇستازىنىڭ ئۆي ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. چاغاندا ئۈچ كۈن ئارام ئالغاندىن باشقا كۈنلەردە ئۆيگە قايتىشقا بولمايدۇ. ئۈچ يىل توشقاندا، ئۇستازى شاگىرتىغا يېرىم يۈرۈش ياكى بىر يۈرۈش جابدۇق سوۋغا قىلىدۇ، شاگىرتى ئۇستازىغا يەنە ئۈچ - تۆت يىل «ھەمراھ» بولۇپ ئىشلەيدۇ، بۇ مەزگىلدە يېرىم ئىش ھەققى ئالىدۇ، بۇ «ئۈچ يىل شاگىرت بولۇش، تۆت يىل ھەمراھ بولۇش»دېيىلىدۇ. ھەمراھ بولۇش مەزگىلى توشسا، ئۇستا بولۇپ دۇكان ئايرىپ چىقىدۇ. بۇ چاغدا «دۇكان ئايرىش زىياپىتى» تەييارلاپ، ئالدى بىلەن پىر ئۇستىسىغا ھەشقاللا ئېيتىدۇ، ئاندىن ئۇستىسىغا ۋە قۇشناچىمغا، شۇنىڭدەك كەسىپداش ئۇستىلارغا ھەشقاللا ئېيتىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن رەسمىي ھۈنەرۋەن ھېسابلىنىپ، ئۆزىنى خوجايىنلارغا مەلۇم قىلىپ، ئۆز ئالدىغا ئوقەت قىلسا بولىدۇ، ئەمما ئۇستازىنىڭ ئوقىتىگە چاڭ سالسا بولمايدۇ. ئادەتتىكى كەسىپلەردىكى ئۇستىلار بىر شاگىرت ۋە بىر ھەمراھنىلا يېتەكلەيدۇ؛ ئەمما ئۆرۈمچى ئىختىيارىچە شاگىرت يېتەكلەيدۇ، سانى چەكلەنمەيدۇ.