Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋائىللانت كوۋتۇرىې
دۇنيا تارىخى
(1892 - 1937) فرانسىيىلىك يازغۇچى ۋە مۇخبىر. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1916 - يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە كىرگەن ھەمدە ئۇنىڭ سول قانىتىغا مەنسۇپ بولغان. روسىيە ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىنى قوللىغان. 1920 - يىلى تۇر قۇرۇلتىيىدا فرانسىيە كومپارتىيىسىگە كىرىپ، 1921 - يىلدىن باشلاپ مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى بولۇپ، فرانسىيە كومپارتىيىسىگە ۋەكالىتەن كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئۈچىنچى قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. 1926 - يىلىدىن باشلاپ <ئىنسانپەرۋەرلىك گېزىتى> دە مۇھەررىر بولغان، 1935 - 1937 - يىللىرى باش مۇھەررىر بولغان. 1910 - 1937 - يىللىرى پارلامېنت ئەزاسى بولغان. ئامىستېردام خەلقئارالىق ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش يىغىنى ۋە خەلقئارا يازغۇچىلارنىڭ مەدەنىيەتنى قوغداش يىغىنىغا قاتناشقان. <ئەسكەرلەر ئۇرۇشى>، <ئوتپوسكا>، <قىزىل ۋاگون>، <يېڭى ھايات قۇرغۇچىلىرى>، <شېئىرلار توپلىمى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.