Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئامان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ساق - سالامەت، ئامان - ئېسەن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تىنچ، ساق - سالامەت ئەھۋال.
ئامان بولساق كۆرۈشەرمىز. ئىستىسەڭ ياخشىلىق، ئەقىل پاسبان، قارا بۇلۇتتىنمۇ چىقىسەن ئامان. ئۆتكەن ئېسىڭدە بولسا، ئېسەن بولىسە. ئاپيەت قەدىرىنى مۇسبەتكە گىرىپتار بولغان بىلەر.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ساق - سالامەت، غەم - ئەندىشىدىن خالى.
تىنچسىز، خېيىم - خەتەر
خەۋپلىك ھالەت، غەم - ئەندىشە.
قايناقسۇ ئىچ، كۆڭلۈك تىنچ. ئەل ئامان - شەھىرىڭ ئامان. ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگىرويىڭ سامان بولماس. ئۆتكەن كۈنۈڭ ئېسىڭدە بولسا، ئېسەن بولىسەن. باش ئامان بولسا، دوپپا تېپىلار. تىنچسىز ئۆتكەن كۈن كۈن ئەمەس. خېيىم - خەتەر كۆز بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
ساق - سالامەت، خېيىم - خەتەرسىز.
باش ئامان بولسا، دوپپا تېپىلار (ماقال).
ئەل ئامان - شەھىرىڭ ئامان (ماقال).
ئەرلەر ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
ساق، ئامان بولغۇچى؛ نىجات تاپقۇچى، ئۆمرى ئۇزۇن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئامانجان، ئامانخان
ئىشەنچلىك، تىنچ