Uyghur→Chineseئاساسىي لۇغەت
سۈت چىش
بىئولوگىيە
乳牙
rǔyá
كۆپ ساندىكى ئېمىتكۈچى ھايۋانلارنىڭ بالىسىنىڭ بىرىنچى نۆۋەت چىقىدىغان چىشى سۈت چىشى دېيىلىدۇ. ئۇ كېيىن چۈشۈپ كېتىپ ئۆمۈرلۈك چىش چىقىدۇ. ئادەمنىڭ سۈت چىشى بوۋاق تۇغۇلۇپ 6 ~ 9 - ئاي ئارىلىقىدا چىقىشقا باشلايدۇ، ئۈستۈنكى - ئاستىنقى جاغلىرىدا جەمئىي 20 تال بولۇپ، كۈرەك چىشى سەككىز تال، قوزۇق چىشى تۆت تال، بىرىنچى، ئىككىنچى ئېزىق چىشلىرى سەككىز تال بولىدۇ. بالا ئالتە - يەتتە ياشقا كەلگەندە چىش ئالمىشىشقا باشلاپ جەمئىي 32 تال ئۆمۈرلۈك چىش چىقىدۇ.
ئاناتومىيە
乳牙
rǔ yáDتېببىي
奶牙
nǎi yá