Uyghurئاساسىي لۇغەت
فائۇم
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى مىسردىكى يەر نامى. مېمىپىسنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن تەخمىنەن 05 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يەرگە جايلاشقان.ئەسلى سازلىق يەر. ئوتتۇرا پادىشاھلىق مەزگىلىدىكى 12 - سۇلالىسنىڭ فىرئەۋىنى ئامېنمېت Ⅲ (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 19 - ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 18 - ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىق) بۇ جايدا مىلدوف (مورس) سۇ ئامبىرىنى ياساتقۇزغان؛ ئۆستەڭ چاپقۇزۇپ، توسما ۋە سۇ چۈشۈرگىلىرىنى ياساتقۇزۇپ نىل دەرياسىنىڭ سۈيىنى راۋانلاشتۇرغان؛ ئېيتىشلارغا قارىغاندا، فائۇم ئەتراپىدىكى 2500 گېكتار كېلىدىغان سازلىقنى تېرىلغۇ يەرگە ئايلاندۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا كاخۇن شەھىرىنى، ئوردا -سارايلارنى (<سىرلىق ئوردا> دېگەن نامى بار) ۋە ئىبادەتخانا قاتارلىقلارنى سالدۇرغان. ئارخېئولوگلار بۇ يەردىن قەدىمكى قۇرۇلۇشلارنىڭ خارابىلىرىنى شۇنىڭدەك سامان قەغەزگەيېزىلغان زور بىر تۈركۈم ھۆججەتلەرنىڭ تاپقان. ھازىر قاھىرەنىڭ جەنۇبىدىكى مىسىر ئۆلكىسىنىڭ ئىسمى.