Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
查理十世
دۇنيا تارىخى
چارلېس Ⅹ
(1757 - 1836) فرانسىيە كورۇلى (1824 - 1830). لۇئى ⅩⅥ ۋە لۇئى ⅩⅤⅢ نىڭ ئۇكىسى. دەسلەپ گراف ئاتوۋا دەپ ئاتالغان. فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى پارتىلىغاندىن كېيىن چەت ئەلگە قېچىپ كېتىپ، جاھىل مۇنارخىستلارنىڭ كاتتىبېشىغا ئايلىنىپ كەتكەن ۋە ۋاندىيىگە بېرىپ توپىلاڭغا باشچىلىق قىلغان. 1814-يىلى ۋەتىنىگە قايتقان. لۇئى ⅩⅤⅢ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللىرى پادىشاھلىق تەختىنىڭ ۋارىسى دەپ بېكىتىلگەن. 1824-يىلى لۇئى ⅩⅤⅢ ئۆلگەندىن كېيىن تەختكە چىقىپ بىر قاتار ئەكسىيەتچى ئەمر - پەرمانلارنى، مەسىلەن: <تەڭرىگە بىھۈرمەتلىك قىلىش قانۇنى>، <شېھىتلەرگە بىر مىليارد فرانك پۇل تۆلەش قانۇنى>، <نەشرىياتچىلىق پەرمانى> ۋە <ئىيۇل پەرمانى> قاتارلىقلار چىقارغان. 1830-يىلى ئىيۇل ئىنقىلابىدا ئاغدۇرۇلغان. كېيىن مەملىكەتتىن قوغلاپ چىقىرىلغان، كېيىن ئاۋسترىيىدە ئۆلگەن