Uyghurئاساسىي لۇغەت
شاكال
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دەل - دەرەخ، مېۋە - چېۋىلەرنىڭ ئۈستىدىكى بىر قات توقۇلما.
تېرىقنىڭ شاكىلى تېرىقچە يوق. پىيازنىڭ پوستى تولا، ئەخمەقنىڭ دوستى تولا. زەھەرلىك يىلاننىڭ قاسرىقى ئالا. ئۇ ئاناناس شۆپۈكىدىن ئايلىنىپ ئۆتتى. تاۋۇز شاپىقىدىن تېيىلىپ يىقىلغان. شاپاق - شالتاقنى يە، كۆتۈرمە. قارىغايغا قوۋزىقىغا قاراپ باھا بەرمە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تۇخۇم، ئۈچكە، غوزا قاتارلىقلارنىڭ تاشقى پوستى.
پىيالىدىكى ھاراقنىڭ ئاستى - ئۈستىدە تۇخۇم شاكىلى، موخوركا قالدۇقلىرى ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
يېيىلىپ بولغان ئۈزۈم شۆپۈكى، ئۈزۈم خامىنىدىن قېلىپ قالغان ئۇششاق ياغاچ قاتارلىقلار.
- 60 ياشقا كىردىم، - دېدى ئۇ ئۈستەلدىكى ئۈزۈم شاكاللىرىنى يىغىشتۇرۇپ.
كۆچمە. كېرەكسىز نەرسە.
ئېيتمىساممۇ بىلەرسىز، ئېسىل مىسرا چىقماس ھەرگىز شاكالسىز، بۇنىڭغا ئىزا تارتىش ھاجەتسىز.