Uyghurئاساسىي لۇغەت
كالپا ئەھدىنامىسى
دۇنيا تارىخى
بالقاندىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ يېڭى چېگرىلىرىنى بېكىتىش ۋە بېرلىن يىغىنىنىڭ باشقا قارارلىرىنى ئەمىلىلەشتۇرۈش ئۈچۈن تۈزۈلگەن ئەھدىنامە. ئۇ ئەھدىنامىنىڭ بېرلىن يىغىنىدا تەسىس قىلىنغان مەخسۇس ھەيئەت 1878 - يىلى 10 - ئايدا كرىت ئارىلىنىڭ مەركىزىي كاندىيەنىڭ شەرقىدىكى كالپا دېگەن يەردە ئىمزالىغان. ئەھدىنامىدە: كرىت ئارىلىدا 1868 ـ يىلىدىكى مەمۇرىي تەشكىلي نىزام يولغا قويۇلۇۇپ، پارلامېنتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇلىدۇ، شتات باشلىقلىقىنى گرېكلار ئۆتەيدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن، شۇنىڭدىن باشلاپ كرىت ئارىلى ئاپتونومىيىلىك ئورۇنغا ئىگە بولغان.