Uyghur→Chineseئاساسىي لۇغەت
لاگاش
دۇنيا تارىخى
拉格什
lā gé shén
مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدىكى سۇمېرلارنىڭ شەھەر دۆلىتى. تىگر دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنى (ھازىرقى ئىراق چېگرىسى ئىچىدە)غا جايلاشقان، تەخمىنەن مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ باشلىرىدا قۇرۇلغان. ئېئانناتۇم تەختتە ئولتۇرغان ۋاقىتتا (مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى) شىمالدىكى كىشىنى مەغلۇپ قىلغان، ئۇر - ئۇرۇك ۋە لارسا قاتارلىق شەھەر دۆلەتلىرىنى بويسۇندۇرغان ھەمدە شىمالدىكى قوشنىسى ئومما بىلەن ئۇزاق ۋاقىت چېگرا توقۇنۇشى ئېلىپ بارغان. داڭلىق <ئېئانناتۇم بۈركۈت ئابىدىسى> (پارىژ لۇف مۇزېيىدا ساقلانماقتا) دا بۇلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇرۇكگىنا ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋر (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2378 - 2371)دە ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بارغان. سەككىز يىل ئۆتۈپلا ئومما ۋە ئۇرۇك بىرلەشمە ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ بولغاندا ئىسلاھاتمۇ توختاپ قالغان. كېيىن لاگاش ئاككاد پادىشاھلىقى بىلەن كۇتىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا چۈشۈپ قالغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅪⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، گۇېئا تەختتە ئولتۇرغان ۋاقىتتا بىر مەزگىل گۈللەنگەن؛ شۇ ئەسرنىڭ ئاخىرىدا ئامورېلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان. كېيىن قايتىدىن ياسالغان بولۇپ، پارفىيە پادىشاھلىقىدىن كېيىن تەدرىجىي خارابلاشقان. 1877 - 1933 - يىللىرى لاگاش خارابىسى (ھازىرقى ئىراقنىڭ ھېببېخ دېگەن يېرى)دا ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ئېلىپ بېرىلغاندا، كۆپلىگەن مىخ يېزىق سېغىز تاختا بەتلەر ۋە باشقا نۇرغۇن خارابىلەر تېپىلغان. بۇ مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ دەسلەپكى تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا مول ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ.