Uyghur→Chineseئاساسىي لۇغەت
كىيېۋرۇس كىنەزلىكى
دۇنيا تارىخى
基铺罗斯公国
jī pū luó sī gōng guó
پراۋوسلاۋيانلار دەسلەپكى مەزگىللەردە قۇرغان فېئوداللىق دۆلەت. مىلادى Ⅸ ئەسىردە، پراۋ سىلاۋيانلارنىڭ ئۇرۇقداشلىق تۈزمى كۈندىن - كۈنگە يىمىرىلىپ، سىنىپىي جەمئىيەتكە ئۆتۈۋاتقان بىرنەچچە قەبىلىلەر ئىتتىپاقى شەكىللەنگەن. بۇنداق شتات قەبىلە كىنەزلىكى دەپ ئاتالغان. ھەرقايسى كىنەزلىكلەر قورغانلىق شەھەرنى مەركەز قىلغان، ئۇنىڭ ئىچىدە نوۋگورود ۋە كىيېۋ ھەممىدىن چوڭ بولغان. 862 - يىلى ۋالاخىيىلىك ھەربىي ئاتامان ريورىك ئەسكەر باشلاپ نوۋگورودنى ئىشغال قىلغان. 879 - يىلى ريۇرىك ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، تۇغقىنى ئولېگ ريۇرىكنىڭ گۆدەك ئوغلى ئىگورغا نائىب بولغان. 882 - يىلى ئولېگ كىيېۋ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىنەزلىكلەرنى بويسۇندۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەركىزىنى نوۋگوروددىن كىيېۋغا يۆتكىگەن، مانا بۇ كىيېۋ - رۇس كىنەزلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 882 - 911 - يىللىرى، ئولېگ پراۋوسلاۋيان قەبىلە كىنەزلىكلىرىنى ۋە غەيرىي سلاۋيان قەبىلىلىرىنى بويسۇندۇرۇپ، پراۋوسلاۋيانلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان دۆلەتنى شەكىللەندۈرگەن. Ⅹ ئەسىردە خرىستىئان دىنى تارقالغان ھەمدە فېئوداللىشىش جەريانى باشلانغان. 987 - (ياكى 988) يىلى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. ⅡⅩ ئەسىردە بىر نەچچە فېئودال كىنەزلىككە بۆلۈنۈپ، بىر - بىرى بىلەن ئۇرۇش قىلغان. ⅢⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، موڭغۇل قىپچاق خانلىقىغا بويسۇنغان. كېيىن ئۇنىڭ ئورنىنى ئاستا - ئاستا كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىۋاتقان موسكۋا كىنەزلىكى ئالغان. شۇنىڭ بىلەن رۇسلارنىڭ سىياسىي مەركىزىي شەرقىي شىمالغا يۆتكەلگەن. كىيېۋ رۇس كىنەزلىكى دەۋرىدە مەدەنىيەتمۇ بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. مىلادى Ⅹ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، نوۋگورود ۋە كىيېۋدا ۋىزانتىيىچە ئىبادەتخانىلار ياسالغان. ⅡⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ماتېرىيالى مول بولغان <يىلنامە> تۈزۈلگەن.