Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھار
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
نومۇس («ئار Ⅰ » <).
ئاتنىڭ تەپكىنى ھار ئەمەس، ئېشەكنىڭ تەپكىنى ھار (ماقال). * ئۇنىڭ قىلغىنى ھار كەلدى.* ئۇ بۇنى ھار ئالدى.
ھارۋا ماڭغان يول تار بولماس،
يامانغا گەپ قىلساڭ ھار بولماس.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ھارماق، ھېرىش. بىرەر ئىش - ھەرىكەتنى ئوشۇق قىلغانلىقتىن چارچىماق، ھارغىنلىق يەتمەك.
ھارماي - تالماي. * ھاردىم دېسە، ھاپاچ بوپتۇ (ماقال). * ئېتىڭ ھارسا، دۆڭگە چاپ (ماقال). * بىر ھارغانغا گەپ قىلما، بىر ئاچ قالغانغا. * يول يۈرگەندە ئېتىڭ ھارمىسۇن، قېرىغاندا ئايالىڭ ئۆلمىسۇن (ماقال).
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئىسسىق، ھارارەتلىك؛ قىزىتما:
ئارەزى بولدى خەزاندەك ئول پەرىنىڭ زەئفىدىن،
بۇ كەسەلنى سەن كۆتەرگىل، يا رەب، ئانىڭ ھارىنى.
قەلەندەر.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئىسسىق، قىزىق، ھارارەتلىك: ھاررى يابىس - قۇرۇق ئىسسىق (تىبابەتتە)
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئۇيات، نومۇس.
ھار ئالماق. ھار كەلمەك.^