Uyghurئاساسىي لۇغەت
قاراڭغۇلاشماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
قاراڭغۇ بولۇشقا باشلىمىساق، بارا - بارا قاراڭغۇلۇق بىلەن قاپلانماق، قاراڭغۇلۇققا چۆممەك.
ئۆي ئىچى قاراڭغۇلاشتى.
قاراڭغۇلۇق تىقىلماق، قاراڭغۇ بولغاندەك بىر ھالەت پەيدا بولماق.
كۆزى قاراڭغۇلاشماق. كۆڭلى قاراڭغۇلاشماق.
كۆچمە. مۇجىمەللەشمەك، ئېنىقسىز بولۇپ كەتمەك. چىگىشلەشمەك (مەنە، چۈشەنچە ۋە مەسىلە، ئىش قاتارلىقلار ھەققىدە).
مەسىلە ئايدىڭلاشمىدى، بەلكى تېخىمۇ قاراڭغۇلاشتى.