Uyghur→Chineseئاساسىي لۇغەت
لاكنوۋ ئەھدىنامىسى
دۇنيا تارىخى
勒克瑙公约
lè kè nǎo gōng yuē
<لاكنوۋ كېلىشىمى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھىندىستان خەلق كونگرېسى پارتىيىسى بىلەن مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى كېڭىشىپ تۈزگەن ھىندىستاندا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش پروگراممىسى. 1916 - يىلى 12 - ئايدا لاكنوۋدا ئىككى پارتىيىنىڭ ئۆز ئالدىغا چاقىرغان يىللىق يىغىنىدا ماقۇللانغان. ئۇنىڭدا ھىندىستان <ئەنگلىيە ئىمپېرىيىسىدە دومىنىئون بىلەن باراۋەر> بولغان ئاپتونومىيىگە ئىگە بولۇش كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن، مەركىزىي قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى بىلەن ھەرقايسى ئۆلكىلىك قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ بەشتىن تۆتىنى خەلق سايلاش، مەركىزىي ھۆكۈمەت بىلەن ھەرقايسى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ يېرىمىنى قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى قارار ماقۇللاپ تەيىنلەش تەلەپ قىلىنغان. خەلق كونگىرېسى پارتىيىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ۋەكىل سايلاش پرىنسىپىنى قوبۇل قىلغان، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزلىرى ئولتۇراقلاشقان ئاز ساندىكى ئۆلكىلەردە ئاساسىي نامزاتقا ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان. ئۇ ھىندىستان خەلق كونگرېسى پارتىيىسى بىلەن مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي جەھەتتە ھاسىل قىلغان تۇنجى كېلىشىمى بولۇپ، ھىندى دىنىدىكىلەر بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپە ھەرىكىتىگە ۋە 1920 - يىلى گەندى قوزغىغان ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىگە قاتنىشىشى ئۈچۈن شەرت ھازىرلىغان.