Uyghurئاساسىي لۇغەت
بوتانىكا
بىئولوگىيە
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى، ئۆسۈملۈكلەر تېنىنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتى ۋە تەرەققىي قىلىش قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇنىڭ تەتقىق قىلىش دائىرىسى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈشى، فىزىئولوگىيىلىك فۇنكىسىيىسى، ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيتى، ئۆسۈملۈكلەر بىلەن مۇھىتنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتى، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى ۋە بۆلۈنۈشى، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تارقىلىشى ۋە تۈركۈمى ھەمدە ئۆسۈملۈكلەر مەنبەسىدىن پايدىلىنىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭ مەقسىتى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھاياتىنى چۈشىنىش، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئادەم ۋە تەبىئىي مۇھىتىنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى ئۆسۈشى ۋە يتىلىشى قاتارلىق ھاياتلىق ھەرىكىتى قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، ئۇنى تېخىمۇ ياخشى كونترول قىلىش، پايدىلىنىش ۋە ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئىنسانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇرۇشتىن ئىبارەت. بوتانىكا ئاساسەن تۆۋەندىكى تارماقلارغا بۆلۈنىدۇ: ئۆسۈملۈكلەر ئاناتومىيىسى، ئۆسۈملۈكلەر تاكسونومىيىسى، ئۆسۈملۈكلەر ئېمبرىئولوگىيىسى، ئۆسۈملۈكلەر فىزىئولوگىيىسى، ئۆسۈملۈكلەر ئېكولوگىيىسى، ئۆسۈملۈكلەر جۇغراپىيىسى، قەدىمكى ئۆسۈملۈكلەر بوتانىكىسى، ئىقتىسادىي بوتانىكا قاتارلىقلار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە، گرېكچە
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈزۈلۈشى، ئۆسۈشى ۋە ھاياتىي رولىنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى؛ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى، تەدرىجىي تەرەققىياتى، تارقىلىشى ۋە ئۆسۈملۈكلەردىن پايدىلىنىش قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.