Uyghurئاساسىي لۇغەت
چىشلىمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چىش ئاستىغا ئالماق، زەھىرىنى چاچماق.
ئۆز چىشىڭ ئۆز تىلىڭنى چىشلەپمۇ قويار. كەمبەغەل تۆگە مىسىمۇ ئىت چىشلەر. ئىتنى چىشلىمەيدۇ دېمە. چاياننى چاقمايدۇ دېمە. يىلان چاققان ئالا يىپتىن قورقار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
يېمەكلىكلەرنى چىشنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ، بىر قىسمىنى ئۈزۈپ، ئاجرىتىپ ئالماق.
گۆش چىشلىمەك.
ئوزۇقلانماق، يېمەك.
ئىشلىسەڭ چىشلەيسەن (ماقال).
چىشلىرىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ قىسماق، چىشى بىلەن تۇتماق.
ئۇ ھەر تۈرلۈك موللاق ئېتىپ، ئورۇندۇقتىن يەرگىچە ئېگىلىپ، يەردىكى چىنىلەرنى ئاغزىدا چىشلەپ، قوللىرىدا كۆتۈرۈپ، يەنە موللاق ئېتىپ چۈشەتتى.
چىشلىرىنى پاتۇرۇپ جاراھەتلەندۈرمەك، چىشلەپ ئالماق.
ئىتنى چىشلىمەيدۇ، ئاتنى تەپمەيدۇ دېمە (ماقال).
كۆچمە. كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتماق؛ قاتتىق، سېسىق گەپ بىلەن ئازار بەرمەك، رەنجىتمەك.
خەقنى چىشلەپ نېمە قىلىسىز؟
كۆچمە. يامان تەسىر قىلماق، باشنى ئاغرىتماق (ھاراق - شاراب ھەققىدە).
ئەتىسى ئويغىنىپ، ھاراق چىشلىۋالغانلىقىنى سەزدىم.