Uyghurئاساسىي لۇغەت
چام
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
بىرەر ئىشتا شۇ ئىشنى قىلغۇچىلارغا بۆلۈپ بېرىلگەن ئۆلۈش.
چام بۆلۈپ بەرمەك.* چامنى تۈگەتمەك.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
كۈچ _ قۇۋۋەت، مادار، قابىلىيەت .
چامىڭنىڭ يېتىشىچە ئىشلە، چامىڭ يەتمەيدىغان ئىشقا ئېسىلما.* چامىسىغا قاراپ چانىسى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
قۇرقۇنچ، ۋەھىمە.
ئاۋايلا، ئات چام ئېلىپ قالمىسۇن.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
مۆلچەر، قىياس؛ كۈچ، ماجا؛ قەدەم، باسقۇچى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
مۆلچەر، قىياس؛ ئىمكانىيەت، كۈچ، ماجال؛ چامدام، قەدەم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئورمىدا چېپىقتا كىشىلەرگە بۆلۈپ بېرىلگەن ۋەزىپە.
ئاش تەڭ، نان تەڭ، سول نېمىشقا كەڭ؟ چامدىساڭمۇ چام بولسۇن.
شىۋىلەر
قەشقەر شىۋىسى
ئورۇنداشقا تېگىشلىك ھەسسە، بۆلەك. مەسىلەن: چام بۆلۈپ بەرمەك _ ئورۇنداشقا تېگىشلىك ھەسسىسىنى بۆلۈپ بەرمەك ( كۆپىنچە ئورما، ئېرىق چېپىشلاردا ئىشلىتىلىدۇ ).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بىرەر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان شەرت - شارائىت، كۈچ - قۇۋۋەت، مادار، ئىمكانىيەت.
چامى يەتمەك.
كىشى بېشىغا بۆلۈپ بېرىلگەن ئۇرۇنداشقا تېگىشلىك ۋەزىپە.
چام سالماق.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
دەۋا، قارشىلىق، قارشىلىق قىلىش.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ساپال چۆگۈن.