Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
七月王朝
دۇنيا تارىخى
ئىيۇل خاندانلىقى
فرانسىيىنىڭ پادىشاھلىق - ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمىدىكى خاندانلىق (1830 - 1848). 1830 - يىلىدىكى ئىيۇل ئىنقىلابىدا بەرپا قىلىنغانلىقتىن ئىيۇل خاندانلىقى دەپ ئاتالغان. كورۇل لۇئى فىلىپ بوربۇنس خان جەمەتىنىڭ شىرەم تۇغقىنى ئورلىئان جەمەتىدىن بولغاچقا يەنە ئورلېئان خاندانلىقى دەپمۇ ئاتالغان. ئىيۇل ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئاۋام پالاتاسى 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى لۇئى - فىلىپنى پادىشاھ دەپ ئېلان قىلغان ھەمدە 14 - كۈنى 1830 - يىللىق ئاساسىي نىزامنى ماقۇللاپ، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنى يولغا قويغان. ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى تۇتۇپ تۇرغانلار بۇرژۇئازىيىنىڭ بىر گۇرۇھى يەنى پۇل مۇئامىلىسى ئاقسۆڭەكلىرى ئىدى. 1848 - يىل فېۋرال ئىنقىلابىدا ئاغدۇرۇلغان. 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى لۇئى فىلىپ ئورنىنى كىچىك نەۋرىسى گراف پارىژغا بوشىتىپ بەرگەندىن كېيىن چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن، بىراق ئىنقىلابىي ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت 25 - كۈنى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. ئىيۇل خاندانلىقىنىڭ ئورنىنى ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت ئالغان.
Rate this entry