Uyghur→Chineseئاساسىي لۇغەت
ئەمەل يەر قانۇنى
دۇنيا تارىخى
科田法
kē tián fǎ
چاۋشىيەن لى سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى يەر قانۇنى. لى جىڭگۈي كورىيىنى يوقىتىشتىن بىر يىل ئىلگىرى يەنى 1391-يىلى (گوڭ راڭۋاڭنىڭ 3-يىلى) ئېلان قىلغان. كورىيىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى يەر قانۇنى قالايمىقانلىشىپ، ھوقۇقلۇق ئەمەلدار جەمەتلەر ھەدەپ ئېكىنزارلىقلارنى بەرپا قىلىپ، ئىجتىمائىي زىددىيەت كەسكىنلىشىپ، فېئودال ھۆكۈمرانلىق تەۋرىنىپ قالغان. مۈلكىي ۋە ھەربىي ئەمەلدارلار ئارىسىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك پومېشچىكلاردىن كېلىپ چىققان، يېڭىدىن ھاكىمىيەتكە قاتناشقۇچىلار ئىسلاھ قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ھەربىي ۋەزىرلى چىڭگۇينىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، يەر تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلغۇچىلارنى شەكىللەندۈرگەن. 1388-يىلى لى چىڭگۇي سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ، شىن يۇنى بىكار قىلىپ، شىن چاڭنى تىكلەپ، ئوردا ئىشىنى ئۆزى چاڭگىلىغا ئالغان. 1389-يىلى يەنە شىن چاڭنى بىكار قىلىپ، گوڭ راڭۋاڭنى تىكلەپ، يەر تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشقا باشلىغان، 1390-يىلى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئىلگىرىكى ئومۇمىي، خۇسۇسىي يەر خەتلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن. ئىككىنچى يىلى <ئەمەل يەر قانۇنى> نى ئېلان قىلىپ يولغا قويغان. پايتەختتىكى ئەمەلدارلارنى 18 دەرىجىگە ئايرىپ، پايتەخت ئەتراپىدىكى يەرلەرنى ئەمەل يېرى قىلىپ بەرگەن. 1-دەرىجىلىككە 150 ئۈلۈش يەر، 18-دەرىجىلىككە 10 ئۈلۈش يەر بېرىلگەن. پايتەخت ئەتراپىدا باشقا 6 ئايماقتىكى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ مەنسىپى ۋە ئۆز يېرىنىڭ قانچە بولۇشىغا قارىماي، ھەربىرىگە 10 ئۆلۈشتىن 5 ئۆلۈشكىچە ھەربىي يەر بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا تۆھپە يېرىمۇ بېرىلگەن، بۇ ئۈچ خىل يەر خۇسۇسىي يەر قىلىنغان، ھەرقايسى مەھكىمە - يامۇللاردا خانلىق يەر بولغان، ئۆلگەندىن كېيىن ئايالى باشقا ئەرگە ياتلىق بولمىسا بارلىق ئەمەل يېرىگە ئىگىدارچىلىق قىلغان، ئوغلى 20 ياشقا توشۇپ ئەمەل تۇتقاندا، ئەمەل يېرى بېرىلگەن، قىزى ئەر تەرەپنىڭ ئەمەل يېرىگە ئىگىدارچىلىق قىلغان، يەرنىڭ ئارتۇق قىسمى باشقىلارغا بۇيرۇپ بېرىلگەن. يامۇل مەھكىمىسىگە ئىلتىماس قىلغاندا، ئەمەل يېرىنى سېتىشقا، ئۆتۈنۈشكە بولغان. ئەمەل يېرىنىڭ خوجايىنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغاندىمۇ ئۇنىڭ خۇسۇسىي يېرىنى خانلىق يەر قىلىۋېلىشقا رۇخسەت قىلىنمىغان. تۆھپە يېرىنىڭ بىر قىسمىغا پەرزەنتلىرىنىڭ ۋارىسلىق قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنغان، ھەربىي يەر ھەربىي خىزمەتكە قاراپ باشقىلارغا بېرىلگەن. ئومۇمەن خانلىق ۋە خۇسۇسىي يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى دېھقانلار ئىجارىگە ئېلىپ تېرىغان. يەر ئىجارىسى سۇلۇق يەرنىڭ ھەر ئۈلۈشىگە 30 كۈرە شال، قۇرغاق يەرنىڭ ھەر ئۈلۈشىگە 30 كۈرە قارا ئاشلىق قىلىپ بېكىتىلگەن. يەر ئىگىسىنىڭ ئىجارىكەش دېھقانلارنىڭمۇ يەرنى ئاق تاشلىۋېتىشى، سېتىشى، باشقىلارغا ھەديە قىلىشىغا يول قويۇلمىغان. ئەمەل يەر قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇشى لى سۇلالىسىنىڭ ھوقۇق مەركەزلەشكەن ھۆكۈمرانلىقىنى قايتا ئورنىتىشقا ئاساس سالغان، ئىجارىكەشلەرنىڭ ئورنىمۇ ياخشىلىنىپ، لى سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلگەن، كېيىن لى سۇلالىسىنىڭ يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان مۈلكىي، ھەربىي ئەمەلدارلارغا بەرگۈدەك يېرى بولمىغاچقا، ئەمەل يەر قانۇنىنى ساقلاپ قېلىش قىيىن بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەرگە بولغان خۇسۇسىي ئىگىدارلىق تۈزۈمىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، قوشۇۋېلىش شامىلىنىڭ ئەۋج ئېلىشى تۈپەيلىدىن، ئەمەل يەر قانۇنى پەيدىنپەي ئىسمى بار، جىسمى يوق بولۇپ قالغان.