Uyghur→Chineseئاساسىي لۇغەت
كالىنگا
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
卡林加
kǎ lín jiā
دۇنيا تارىخى
诃陵国
hē líng guó
ھىندۇنېزىيىدىكى قەدىمكى دۆلەت. مىلادى تەخمىنەن Ⅶ ئەسىرنىڭ باشلىرى ياۋا ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا باش كۆتۈرۈپ چىققان. مىلادى 674 - يىلى ئايال پادىشاھ سىمو تەختكە چىققاندىن كيىن، دۆلەت قۇدرەت تاپقان. قانۇننى قاتتىق يولغا قويغان. ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ياۋادىكى 28 دەك ئۇششاق بەگلىكلەرنى بويسۇندۇرۋالغا. پايتەختى ۋالوگاس (ھازىرقى گېرېسىك). Ⅶ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، سانجايا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە،ياۋانى بىرلىككە كەلتۈرگەن ھەمدە ئارالنىڭ سىرتىغا قاراپ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتكەن. كېيىن سىرېۋىجايادىكى سائېلېندرا خاندانلىقى ياۋانىڭ كۆپ قىسمىنى بېسىۋالغان. كالىنگانىڭ ھۆكۈمرانلىق مەركىزى شەرقىي قىسىمغا يۆتكىلىپ، ماتارام پادىشاھلىقىنى بەرپا قىلغان. بۇ دۆلەت ئەسلىدە ھىندى دىنىنىڭ سىۋا مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلغان،كېيىن بۇددىزم تارقالغان. جۇڭگولۇق راھىب خۇينىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، يەرلىك راھىب جوناۋادو بىلەن بىرلىكتە بۇددا نومىنى تەرجىمە قىلغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ دۆلەت جۇڭگوغا كۆپ قېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن.
دۇنيا تارىخى
羯陵伽
jié líng gā
جەنۇبىي ھىندىستاندىكى قەدىمكى دۆلەت. گوداۋارى دەرياسى بىلەن ماخانادىي دەرياسى ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز بويى رايونىغا جايلاشقان. <بەگلىكلەر> دېگەن كىتابتا ئۇنىڭ 32 ھۆكۈمرانى تىلغا ئېلىنغان، ماگادىخادىكى ناندا خاندانلىقى ئۇنى بىر مەھەل بويسۇندۇرغان، كېيىن مۇستەقىل بولغان. ماۋۇريا ئىمپېرىيىسى (ماگادخا)نىڭ پادىشاھى ئاسوكا تاج كيىگەندىن كېيىن 9 - يىلى ئۇنىڭغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلغان. تاشقا ئويولغان 13 - نۇمۇرلۇق يارلىقىغا قارىغاندا: بۇ يەردىن 150 مىڭ كىشى ئەسىرگە ئېلىنغان، 100 مىڭ كىشى ئۆلتۈرۋېتىلگەن، ئۆلگەنلەرمۇ مۇشۇ ساندىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتكەن، ماۋۇريا ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغاندىن كېيىن ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ كەتكەن. بىر قىسمى توسالىنى پايتەخت قىلغان، يەنە بىر قىسمى ساموپونى پايتەخت قىلغان. ماۋۇريا ئىمپېرىيىسى خارابلاشقاندىن كېيىن يېڭىۋاشتىن مۇستەقىل بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅰ ئەسىردە جىتى خاندانلىقىنىڭ ئۈچىنچى ھۆكۈمرانى كاراۋېلا تەختتىكى چاغدا شىمالىي ھىندىستانغا ئىككى قېتىم بېسىپ كىرىپ، ماگادىانى بويسۇندۇرۇشقا مەجبور قىلغان؛ يەنە جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ پاندىيا بەگلىكىنى بويسۇندۇرغان. كاراۋېلا ئۆلگەندىن كېيىن نۇرغۇن كىچىك بەگلىككە پارچىلىنىپ كەتكەن.