Uyghurئاساسىي لۇغەت
شەرىئەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
دىنىي قانۇن، ئىسلام دىنىنىڭ قائىدىلىرى:
ئۆزۈم قىلماي ئەمەل، ئەلگە شەرىئەت ھۆكمىن ئايتۇرمەن،
ئەمەل ئەيلەپ ئەتا، ھاجەتلىرىمنى ھەم كىفايەت قىل.
ناقىس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
«قانۇن» دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت ئورگىنى ماقۇللىغان، «شەرىئەت» دىندا قوبۇل قىلىنغان، ئىجرا قىلىنىشى شەرت، مەجبۇرىي بولغان ھەرىكەت مىزانى.
قانۇن ئالدىدا ھەممە باراۋەر. قانۇن ئاجىز ئەلدە زار تۈگمەس. شەرىئەتنىڭ مىڭ بىر پۇتىقى بار. قول قولنى تونۇيدۇ، شەرىئەت يولنى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دىن
مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان ئاساسىدا تۈزۈلگەن دىنىي ئىشلار، جىنايى ئىشلار ۋە پۇقرالىق ھوقۇقى قاتارلىقلارغا ئائىت قانۇن - قائىدىلىرىنىڭ جۇغلانمىسى، ئىسلام دىنى قانۇنى.
شەرىئەتنىڭ يەتمىش ئىككى پۇتىقى بار (ماقال).
دەۋا ئىشلىرىنى دىنىي يول بىلەن بىر تەرەپ قىلىدىغان ئورۇن، قازىخانا؛ سوت مەھكىمىسى.
ئۇلار تەگىشىپ، سەن - پەن دېيىشىپ قاپتۇ. جېدەل ئۇلغىيىپ شەرىئەتكە بېرىشىپتۇ.