Lughet
لۇغەتخەنزۇچە拉耶勒夫
ChineseUyghurئاساسىي لۇغەت

拉耶勒夫

دۇنيا تارىخى لاگېرلوف (1858 - 1940) شۋېتسىيىلىك ئايال يازغۇچى، شائىر. فامىلىن كەنتىدىكى ماباك قورۇقىدا تۇغۇلغان. دارىلمۇئەللىمىننى پۈتتۈرگەن. 1885 - 1895 - يىللىرى قىزلار مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1891 - يىلى <گۇست بىلىن ھەققىدە ھېكايە> دېگەن تۇنجى ئەسىرىنى يازغان. كېيىن مەخسۇس يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە خەلق ئەپسانىلىرىنى ماتېرىيال قىلىپ، يېزا تۇرمۇشى ۋە يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشىگە بولغان تەسىراتىنى بايان قىلغان. 1899 - 1900 - يىللىرى مىسىر ۋە پەلەستىندە ئىجادىيەت بىلەن شۇغوللانغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا فاشىستلارغا قارشى كۈرەشكە قاتناشقان. 1909 - يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئۇ ئاياللار ئىچىدە بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكە تۇنجى كىشى ھېسابلىنىدۇ. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <ئېرۇسالىم>، <نېلىسنىڭ خەتەرلىك سەرگۈزەشتىلىرى>، <ماباك، بىر قورۇق ھەققىدە ھېكايە>، <لاگېرلوف كۈندىلىك خاتىرىسى> قاتارلىقلار بار.
Rate this entry

مۇناسىۋەتلىك سۆزلەر

拉耶ChineseUyghur
← ئىزدەش