Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەخلاقىي ئۇقۇم
پسىخولوگىيە
ئىجتىمائىي ئەخلاقنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ كىشى مېڭىسىدىكى ئىنكاسى، ئەخلاقىي ئۇقۇم نۇرغۇنلىغان ئەخلاقىي تەسەۋۋۇرلار نېگىزىدە ئانالىز قىلىش، سىنتېزلاش، ئابستراكىتسىيىلەش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق تەپەككۇر پائالىيىتى ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ. ئەخلاقىي ئۇقۇمنى ئىگىلەش ئەخلاقىي بىلىشنىڭ شەكللىنىشىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.