Uyghur→Chineseئاساسىي لۇغەت
رائى
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
拉伊〈巴基〉
lā yī 〈bā jī 〉
دۇنيا تارىخى
拉伊
lā yī
(1865 - 1928) ھىندىستان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى. پەنجابلىق زىيالىي ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئادۋوكات ۋە مۇخبىر بولغان. <پەنجابلىقلار> قاتارلىق كۆپ خىل گېزىت - ژۇرناللارنى چىقارغان. 1880-يىلى <براخمى جەمئىيىتى> گە قاتناشقان، 1882-يىلى <ئارىيانلار جەمئىيىتى> گە قاتناشقان، 1882-يىلى <ئارىيانلار جەمئىيىتى> گە قاتناشقان. كېيىن خەلق كونگېرىسى پارتىيىسى رادىكالىرىنىڭ رەھبىرى بولۇپ، تىلاك ۋە پال بىلەن تەڭ تىلغا ئېلىنىپ، <ئۈچ ئەزىمەت> دەپ ئاتىلىپ، <پەنجابنىڭ شىرى> دەپ داڭق چىقارغان. ئۇ، ھىندىستان تىلەمچىلىك ۋە خەير - ئېھسانغا تايىنىپ ئەمەس، بەلكى ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشى ئارقىلىقلا ئەنگلىينىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلالايدۇ، دەپ قارىغان. كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنغان. 1907-يىلى بىرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ھىندىستانغا قايتىپ كەلگەن. 1914-يىلى 5-ئايدا ئەنگلىيە، ئامېرىكىغا بېرىپ زىيارەت قىلىپ، ئامېرىكىدا <ئامېرىكا ھىندىستانلىقلار ئاپتونوم ئىتتىپاقى> نى تەشكىللىگەن. 1919-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن. ئىككىنچى يىلى كالكۇتتا پەۋقۇلئاددە يىغىنىدا خەلق كونگېرىسى پارتىيىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىپ، گەندى رەھبەرلىك قىلغان ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىنى قوللىغان. 1921 - يىلى <خەلق چاكىرى جەمئىيىتى> نى قۇرغان. 1928-يىلى سىمون تەكشۈرۈش ئۆمىكىگە قارشىلىق كۆرسىتىش كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلىپ، نامايىش قىلغاندا ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. ئۇنىڭ <ئارىيانلار جەمئىيىتى>، <ياش ھىندىستان>، <ھىندىستاننىڭ سىياسىي ئىستىقبالى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.