Uyghurئاساسىي لۇغەت
كاج
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
شاپىلاق، كاچات، سۆزىنىڭ قىسقارتىلمىسى:
تەمەللۇقدا قىلدىم بۇلارغە سەلام،
كېلىپ ئۇردى بىر كاج مېنى چوڭ ئاغام.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرۇۋالىدىغان، ئىدىيىدە قاتمال.
جاھىلغا يول تاپار دائىم ئاقىل، ئەمما ئاڭا بەرھەم بېرىدۇ جاھىل. كاجنى بازار ئوڭلايدۇ، ساراڭنى مازار. تەرساغا گەپ ئۆتمەس، تاشقا مىخ. قىرسىقنىڭ كۈلكىسىمۇ قىرسىق. قىيىق قېرىسىمۇ پەيلىدىن يانمايدۇ. تەتۈرگە پۈتتۈرۈپ كەل دېسەڭ، بۇزۇپ كېلىدۇ. تەتۈرنىڭ خەتەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
ھەربىي
گەپكە كىرمەيدىغان، مەسلىھەت ئاڭلىمايدىغان، جاھىل، تەتۈر.
كاج ئادەم. كاج پەلەك. كاج پېشانە.
قىيسىق، ئېچىلسا يېپىلمايدىغان، يېپىلسا ئېچىلمايدىغان، راۋان ئەمەس.
- ئىشىكىڭ كاجمۇ نېمە، تولۇق يېپىلمايدىغۇ! - دېدى ئالىم ئىشىكنى بىر قولىدا تارتىپ.