Uyghur→Chineseئاساسىي لۇغەت
ئىللىرىيە ئۆلكىسى
دۇنيا تارىخى
伊利里亚行省
yī lì lǐ yà háng shěng
1809 - 1418 - يىللىرى فرانسىيىدىكى ناپولېئون بالقان يېرىم ئارىلىدا قۇرغان مەمۇرىي ئورۇن. 1809 - يىلى ناپولېئون ئاۋسترىيە قوشۇنىنى يەنە بىر قېتىم يېڭىپ، <ۋېنا شەرتنامىسى> نى ئىمزالاپ، ئاۋسترىيىنى كرودىيىنىڭ غەربىي ۋە پۈتۈن دېڭىز بويى رايونلىرىنى كېسىپ بېرىشكە مەجبور قىلغان. شەرتنامىدە يەنە كارنېئورا، كارىنتىيىنىڭ غەربىي قىسمى، گراز، ئىستىرىيە، كرودىيىنىڭ بىر قىسمى، دالماتسىيە ۋە لاگوسانى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ رايوننى ئىللىرىيە مەمۇرىي ئۆلكىسى قىلىپ قۇرۇش ۋە ئۇنى فرانسىيە ئىمپېرىيىسىگە قوشۇۋېتىش بەلگىلەنگەن. فرانسىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا، تۆمۈر يول ياسىلىپ، مەمۇرىي تۈزۈملەر قايتىدىن بېكىتىلىپ، <ناپولېئون قانۇنى> يولغا قويۇلۇپ، پوچتا ئىدارىلىرى قۇرۇلۇپ، سودا رىغبەتلەندۈرۈلۈپ، يەرلىك مەدەنىيەت ۋە ئىگىلىك ئىلگىرى سۈرۈلگەن. 1814 - يىلى فرانسىيە بۇ ئۆلكىدىن ۋاز كەچكەن. 1815 - يىلى ۋېنا يىغىنىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، بۇ رايون ئاۋسترىيىگە قوشۇۋېتىلگەن.