Uyghurئاساسىي لۇغەت
بايقال كۆلى
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
بايقال كۆلى روسىيىدىكى شەرقىي سىبىرىيە رايونىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان، جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋرىدە ئۇ »شىمالىي دېڭىز« دەپ ئاتىلاتتى. كۆلنىڭ ئۇزۇنلۇقى636 كىلومېتىر، ئوتتۇرىچە كەڭلىكى48 كىلومېتىر، كۆلىمى31500 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ كۆل يەر قاتلىمىنىڭ ئۈزۈلۈپ ئولتۇرۇشۇشىدىن شەكىللەنگەن، شۇڭا سۈيى ئىنتايىن چوڭقۇر، ئەڭ چوڭقۇر جايى1620 مېتىر، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى730 مېتىر بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭقۇر كۆل ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر مەملىكىتىمىزدىكى ھەيۋەتلىك تەيشەن تېغى بۇ كۆلگە قويۇلسا، تاغ چوققىسىدىن كۆل يۈزىگە يەنە100 مېتىر ئارىلىق قالىدۇ.
بايقال كۆلى گەرچە ئانچە بەك چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن ناھايىتى چوڭقۇر بولغاچقا، سۇ سىغىمچانلىقى يەنىلا ئىنتايىن چوڭ بولۇپ،23600 كۇب كىلومېتىرغا يېتىدۇ، سۇ سىغىمچانلىقى بالتىق دېڭىزىنىڭكىدىن يۇقىرى، يەنى مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ تاتلىق سۇ كۆلى بولغان پوياڭخۇ كۆلىنىڭ سۇ سىغىمچانلىقىدىن يەنە ئالتە ھەسسە يۇقىرى. بايقال كۆلىدىكى بۇنداق كۆپ سۇ نەدىن كەلگەن؟ ئەسلىدە بايقال كۆلىگە قۇيۇلىدىغان دەريا 336 ، ئېقىپ چىقىدىغان دەريا ئاران بىر.
بايقال كۆلىدە ئاكۇلا، ئاۋمور بېلىقى، دېڭىز قۇلۇلىسى، بايقال دېڭىز يىلپىزى قاتارلىق دېڭىز - ئوكيان جانلىقلىرى بار. پەقەت كۆل قىرغىقىغا يېقىن جايدىلا ئادەتتىكى كۆللەردە كۆپ ئۇچرايدىغان جانلىقلار ياشايدۇ. دېڭىز - ئوكياندىن يىراق بولغان بايقال كۆلىدىكى بۇ دېڭىز - ئوكيان جانلىقلىرى زادى نەدىن كەلگەن؟ بۇنىڭغا ھازىرغا قەدەر تېخى ئېنىق جاۋاب تېپىلغىنى يوق.
دۇنيادىكى شەھەرلەر
سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا سىبىرنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان كۆل. ئۇ چوڭقۇرلۇقى جەھەتتىن دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئەتراپى دېڭىز يۈزىدىن 2000 مېتر ئېگىزلىكتىكى تاغلار بىلەن ئورىلىپ تۇرىدۇ. كۆل شەرقىي شىمال، غەربىي جەنۇب يۆنىلىشىدە سوزۇلغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 636 كىلومېترغا يېتىدۇ، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 730 مېتر، ئوتتۇرىچە كەڭلىكى 48 كىلومېتر، ئەڭ چوڭقۇر جايى 1620 مېتر كېلىدۇ. كۆلنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 456 مېتر كېلىدۇ. بايقال كۆلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ئوركان ناملىق بىر ئارال بار. بۇ ئارالنىڭ يەر مەيدانى 730 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. بۇ ئارالدىن باشقا يەنە 26 كىچىك ئارال بار. بايقال چۆكۈشى، بۇنڭىدىن 20 يىل ئىلگىرى يەر پوستىنىڭ يېرىلىپ چۆكۈشى، سۇلارنىڭ يىغىلىشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن كۆلنىڭ مەيدانى 31 مىڭ كۋادارات كىلومېتر بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ سۈيى مول بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى تاتلىق سۇلۇق كۆللەر ئومۇمىي سۇ مىقدارىنىڭ 1/5 قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. بايقال كۆلىنىڭ ئەتراپى قېلىن يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمانلار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇ جايدا ئورماندىن باشقا يەنە كۆمۈر، تۆمۈر، ئالتۇن، چىرىمتال، تەبىئىي گاز قاتارلىق كان بايلىقلىرىمۇ مول. كۆلدىكى ئاراللاردا 1600 خىلدىن ئوشۇق ئۆسۈملۈك ئۆسىدۇ. كۆلدە ۋە كۆلدىكى ئاراللاردا 1200 خىلدىن ئارتۇق ھايۋان ياشايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 708 خىلى بايقالنىڭ ئۆزىگە خاس ھايۋاناتلىرى ھېسابلىنىدۇ. كۆلدە بېلىقىنىڭ تۈرىمۇ ناھايىتى كۆپ بولۇپ، يىلىغا كۆپ مىقداردا بېلىق تۇتۇلىدۇ. بۇ جايدا ياشىغۇچى ياقۇت خەلقلىرى كۆل رايونىدىكى ۋە كۆل ئىچىدىكى تەبىئىي بايلىقلارنىڭ كۆپلۈكىگە قاراپ (بايكۆل) (بايقال) دەپ نام بەرگەن.