Uyghur→Chineseئاساسىي لۇغەت
چاپايېۋ
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
恰帕耶夫
qià pà yē fū
دۇنيا تارىخى
恰巴耶夫
qià bā yē fū
(1887 - 1919) سوۋېت ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى قىزىل ئارمىيە كوماندىرى. قازان ئۆلكىسىدىكى نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلەپكى يىللىرى ياغاچچىلىق قىلغان. كېيىن ھەربىيگە كىرىپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئۆكتەبر ئىنقىلاب ھارپىسىدا بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە برىگادا، دىۋىزىيىلەرىگە قوماندانلىق قىلىپ، ئورال كازاكلىرىنڭ ئاق گۋاردىيە كورپۇسى بىلەن ئۇرۇشقان. 1919-يىلىنىڭ بېشىدا، ئۇ قوماندانلىق قىلغان 25-پىيادىلەر دىۋىزىيىسى شەرق فرونتى جەنۇبىي لىنىيە ئەسكىرىي پولكىنىڭ زەربىدار قىسمى بولۇپ بۇزرۇك، بۇگۇرۇسلان ۋە ئۇفا قاتارلىق جايلاردا كولچاكنىڭ ئاق گۋاردىيىسىگە ئارقا - ئارقىدىن زەربە بەرگەن. شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى، لېشېنسك (ھازىرقى چاپايېۋ كەنتى) دە قونغان ۋاقتىدا، دۈشمەننىڭ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، باتۇرلارچە قۇربان بولغان. سوۋېت يازغۇچىسى فۇرمانوۋ ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرىنى <چاپايېۋ> ناملىق رومان قىلىپ يېزىپ چىققان.