Uyghurئاساسىي لۇغەت
مېغىز چۆچۈرىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئۆرۈك مېغىزى ياكى ياڭاق 200 گرام، زىرە ئازراق، پىياز ئىككى باش، يۇمغاقسۈت ياكى پىننە ئازراق، ئاق ئۇن 500 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
ئۆرۈك مېغىزى ياكى ياڭاق مېغىزىنى قازاندا قورۇپ، پوستىنى چىقىرىۋېتىپ، يۇمشاق سوقۇپ، ئۇنىڭغا ئۇششاق چانالغان پىياز، سوقۇلغان زىرە، قارىمۇچ تۇز ئارىلاشتۇرۇپ مېغىز قىيمىسى قىلىنىدۇ.
2. خېمىرنى چۆچۈرىنىڭكىدەك قىلىپ تەييارلاپ، جىلتقا مېغىز قىيمىسىدىن سېلىپ چۆچۈرە تۈگۈپ تەييارلىنىدۇ.
3. قايناق سۇغا تۇز سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ، چۆچۈرىنى سېلىپ، پەس ئوتتا 10 ـ15 مىنۇت سىم - سىم قاينىتىپ پىشۇرۇلىدۇ.
پىشقان چۆچۈرىگە قۇرۇق پىننە ياكى يۇمغاقسۈت سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، سۇيى بىلەن بىللە ئۇسۇپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.