—مەنبە
توختى باقى
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
توختى باقى ئوغلى (تەخەللۇسى ئارتىشى) 1922 - يىلى ئاتۇش ناھىيىسىنىڭ شىتاجى كەنتىدە كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە ناھىيىسىنىڭ شىتاچى كەنتىدە كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ. دەسلەپ موللا خەلپەتتە، كېيىن پەننىي مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. 1939 - يىلى ئۈرۈمچىدە دارىلمۇئەللىمىنىدە ئوقۇۋاتقاندا ئوقۇش خىراجىتىدىن قىسىلىپ، مەكتەپتىن چىقىپ كېتىپ، «شىنجاڭ گېزىتى» دە نابورچىك، تەھرىر بۆلۈم خادىمى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1942 - يىلىدىن 1944 - يىلىغىچە ساقچى زابىتلار مەكتىپىدە ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن قەشقەردە خىزمەت قىلىدۇ. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتىلغاندا، «قىزىل پاچاق» دېگەن بەتنام بىلەن تۈرمىگە تاشلىنىدۇ. 1949 - يىلىدىن تاكى 1986 - يىلى پېنىسيىگە چىققانغا قەدەر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچى، «ھەقىقەت» گېزىتىدە، بېيجىڭ خەلق نەشرىياتىدا تەرجىمان، مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەيدۇ. بۇ جەريانىدا (1957 - يىلدىن 1980 - يىلىغچە) «ئوڭچى ئۇنسۇر» دېگەن بەتنام بىلەن نازارەت ئاستىدا ئىشلەيدۇ.
توختى باقى ئىلىم - مەرىپەت ساھەسىدە ئۆتكۈزگەن كۆپ يىللىق ھاياتىدا، سىياسىي - نەزەرىيىۋى ئەسەرلەر، پەن - تېخنىكا ئەسەرلىرى، ئەدەبىي ئەسەرلەر، گېزىت - ژۇرنال ماقالىلىرى، كىنو - تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى قاتارلىق تۈرلۈك مەزمۇن ۋە ژانىردىكى ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمىسى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ «يېڭى باتۇرلار»، «تۈن يانغاندا»، «كەپىگە ئۈچ قېتىم زىيارەت» قاتارلىق ئەسەرلەر بىلەن لۇشۈن ئەسەرلىرى (22 توپلام) نى تەرجىمە قىلىدۇ. تەرجىمىدىن تاشقىرى ئىلمىي تەتقىقات بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، «تەرجىمە تەجرىبىلىرىمدىن تەرمىلەر»، «لۇشۈن تەرجىمە توغرىسىدا»، «تەرجىمە توغرىسىدا»، «قانداق تەرجىمە قىلىش كېرەك» سەرلەۋھىلىك ئىلمىي ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىدۇ. پېنىسىيىگە چىققاندىن كېيىنمۇ ئۆزىنىڭ سۇباتلىقى ۋە شىجائىتىنى بوشاشتۇرماي، ئىلىم - مەرىپەت ساھەسىدە ئىزچىل تىرىشىپ، «ئادەملەردە بولىدىغان بېشارەت» ناملىق روھىي ھالەتشۇناسلىققا ئائىت ئاممىباب ئىلىمىي ئەسەرنى، «كەتمەن چاپقان گۇناھمۇ؟» ناملىق ساتىرىك ئەسەرلەر توپلىمىنى تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرىدۇ. «چۈشىنىڭ ماھىيتى ۋە تەدبىرى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئىلمىي ئەسىرىنى نەشرگە تاپشۇرىدۇ.
توختى باقى مول ھوسۇللۇق ئەمگەكلىرىنىڭ ئەجرى ئۈچۈن خەلقىمىز ئىچىدە مۇناسىپ ئىززەت - ھۆرمەتكە ئېرىشتى. تەرجىمە ساھەسىدە بىرىنچى بولۇپ، «ئالىي تەرجىمان» ئۇنۋانىغا سازاۋەر بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق 5 - نۆۋەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭەش ئەزاسى بولغان بۇ يېتۈك تەرجىمان «جۇڭگو لۇشۈن ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتى»، «جۇڭگو تەرجىمانلار جەمئىيىتى» قاتارلىق ئىلىمىي - تەتقىقات جەمئىيەتلىرىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى قاتارلىق رەسمىي، پەخرى ناملار بىلەن ئىجتىمائىي ئىلمىي پائالىيەتلەرگە قاتنشىپ، ئۈنۈملۈك تۆھپە يارىتىپ كەلمەكتە.