Uyghur→Chineseئاساسىي لۇغەت
رىگا شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
里加条约
lǐ jiā tiáo yuē
تولۇق ئاتىلىشى <پلشا روسىيە ۋە ئوكرائىنا تىنچلىق شەتنامىسى>. 1919-يىلى 12-ئايدا پارىژ سۈلھ كېڭىشى پولشا ئىشلىرى كومىسىيىسى پولشانىڭ شەرقىي چېگرا سىزىقى (كېيىن كورزۇن سىزىقى دەپ ئاتالغان) نى بەلگىلەپ چىققان. پولشا ھۆكۈمىتى 1772-يىلىدىكى چېگرا سىزىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كويىدا بولۇپ، بۇ چېگرا سىزقىنى ۋە سوۋېت روسىيىسىنىڭ تىنچلىق تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان. 1920-يىلى 4-ئايدا پولشا سوۋېت روسىيىسىگە قوراللىق ھۇجۇم قىلىپ، ئوكرائىنا ۋە بېلوروسىيىنىڭ كەڭ رايونلىرىنى بېسىۋالغان. سوۋېت روسىيىسى قىزىل ئارمىيىسى باتۇرلۇق بىلەن قايتۇرما زەربە بېرىپ، پولشا ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ۋارشاۋاغا قىستاپ كەلگەن. 7-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار باش ۋەزىرى كوزون موسكۋاغا تېلېگرام يوللاپ، سوۋېت روسىيىسىنى پولشا بىلەن ئۇرۇش توختىتىش توختىمى تۈزۈشكە تەكلىپ قىلغان. روسىيە ئارمىيىسىنىڭ 1919-يىلى بەلگىلەنگەن پولشا شەرقىي چېگرىسىنىڭ شەرقىدىكى 50 كىلومېتىرلىق ئورۇندا توختاپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان. روسىيە پولشا بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. 7-ئاينىڭ 22-كۈنى پولشا ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. 10-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىككى تەرەپ رىگادا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ۋە تىنچلىق شەرتنامىسىگە ئىمزا قويغان. ئىككىنچى يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى رەسمىي ئىمزالىغان. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: كېلىشىم تۈزگەن ئىككى رەتپ ئوكرائىنا بىلەن بېلوروسىيىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلىش، پولشانىڭ شەرقىي چېگرىسىنى بەلگىلەپ چىقىش. ئوكرائىنا بىلەن بېلوروسىيىنىڭ غەربىي قىسمىنى پولشاغا بېرىشتىن ئىبارەت. 1945-يىلى 8-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن پولشا موسكۋادا چېگرا شەرتنامىسى ئىمزالاپ بۇنى مەزكۇر شەرتنامىنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەن. يېڭى شەرتنامىدە قىرىم يىغىنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن پولشا ئوتتۇرىسىدىكى چېگرىنى <كورزون سىزىقى> بويىچە ئاجرىتىش. بىراق مەلۇق جايلارد بۇ سىزىقتىن تەخمىنەن 5 - 8 كىلومېتىر چەتلەپ، پولشاغا ئاجرىتىپ بېرىش دەپ بەلگىلەنگەن.