English→Uyghurئاساسىي لۇغەت
Zambia
ئۇنىۋېرسال
زامبىيە
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئافرىقا
The Republic of Zambia
زامبىيە
زامبېزى دەرياسىدىن ئېلىنغان
ئافرىقا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلەت. مەيدانى 752 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، كۆپ قىسىم يېرىنى دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1000-1500 مېتىرغىچە بولغان ئېگىز تەكشىلىكلەر ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭ شەرقىي تەرىپىدە ئۈزۈلمە ۋادىلار خېلى كۆپ. ئىقلىمى تروپىك ساۋاننا ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. ھەر ئاينىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 16℃-24℃ قا يېتىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى جەنۇبتا 600 مىللىمتېردىن شىمالدا 1500 مىللىمتېرغا يېتىدۇ. دۆلەتتە دەريا تۈرلىرى، كۆللەر ناھايىتى كۆپ، ئافرىقا بويىچە ئاتاقلىق دەريانىڭ بىرى بولغان زەمبېزى دەرياسى دۆلەتنىڭ جەنۇبىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. بۇ جايدا مەشھۇر موسى ئوتونېيا شارقىراتمىسى بار. يەنە چوڭ تىپتىكى سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلدى. زامبىيىنىڭ ئاھالىسى 6 مىليون 242 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983). بۇنىڭ
98% نى بانتۇ تىل سىستېمىسىدىكى خەلقلەر ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسمىنى پېمبا، مالاۋى مىللەتلىرى، ئاز قىسمىنى ياۋروپا ۋە ئاسىيادىن كەلگەن خەلقلەر ئىگىلەيدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپى ئىپتىدائىي دىنلارغا، ياۋروپالىقلار خرىستىئان دىنىغا، ئاسىيالىقلارنىڭ كۆپى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئىنگىلىز تىلىنى قوللىنىدۇ. زامبىيە مۇستەقىل بولۇشتىن ئىلگىرى شىمالىي رودېزىيە دەپ ئاتالغان. 1964 - يىلى 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن دۆلەت نامىنى زامبىيىگە ئۆزگەرتكەن. 1964 - يىلى 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. زامبىيە ئىقتىسادتا كان سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇنىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرى مول، بولۇپمۇ مىس ناھايىتى مول. شۇنىڭ ئۈچۈن زامبىيىنى <مىس دۆلىتى> دەپمۇ ئاتايدۇ. ئۇنىڭ شىمالىدىكى مىس كان بەلبېغىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 220 كىلومېتىر، كەڭلىكى 65 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇ مىس رۇدىسى ئىشلەپچىقىرىشتا دۇنيادا بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. مىس رۇدىسى ئېكسپورتى دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. مىستىن باشقا ئالماس، كوبالت، كۆمۈر، قوغۇشۇن، سىنك، مارگانېتىس قاتارلىق كان بايلىقلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. كان سانائىتىدىن باشقا توقۇمىچىلىق، نېفىت ئايرىش ئېلېكتر سىمى ئىشلەپچىقىرىش، بالون ئىشلەپچىقىرىش، ئېلېكتر ئېنېرگىيە قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. زامبىيە ئاھالىسىنىڭ 60% ى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە كۆممىقوناق، مانىخوت، پاختا، شېكەر قومۇشى، خاسىڭ، تاماكا، كۆكتات، مېۋە - چىۋە قاتارلىقلار ئۆستۈرىلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى قامدايدۇ. چارۋىچىلىقىدا كالا، قوي، ئۆچكە، چوشقا، ئۆي قۇشلىرى بېقىلىدۇ.
زامبىيىنىڭ تولۇق نامى <زامبىيە جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، نامى بۇ دۆلەتتىن ئېقىپ ئۆتىدىغان زامبېزى دەرياسىنىڭ ئىسمىدىن پەيدا بولغان. دەريا نامى يەرلىك تىلدىن كەلگەن، مەنىسى <ئەزىم دەريا>. شۇ جايدا دەريانى Luambeji دەپ ئاتايدۇ، بۇنىڭ مەنىسىمۇ <ئەزىم دەريا>. 1498 - يىلى پورتۇگالىيە دېڭىزچىسى دا. گاما ھىندىستان سەپىرىدە بۇ دەريا ئېغىزىغا تۇنجى قېتىم كېلىپ، Riodes Bonssinaes دەپ نام قويىدۇ. مەنىسى <ياخشى بىشارەت دەرياسى> بولۇپ، ئەينى چاغدا ئۇلارنىڭ ئاسىياغا بارىدىغان توغرا دېڭىز لىنىيىسىدە كېتىپ بارغانلىقىغا قارىتا ئېيتىلغان. ئىنتايىن بۇرۇنلاردىلا بانتۇ مىللەتلىرى بۇ ئەتراپتا ئولتۇراقلاشقان، مىلادى 16 - 19 - ئەسىرلەردە روندا، كالوررو، بارۇز قاتارلىق پادىشاھلىقلار قۇرۇلغان. <زامبېزى> نامى 19 - ئەسىردىن ئىلگىرى ھازىرقى ئوتتۇرا ئافرىقا رايونىنى كۆرسەتكەن. 1889 - يىلى ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىسى سېيشىل. رودېز بۇ جايغا كەلگەن، شۇندىن كېيىن بۇ جاي ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك تەسىر دائىرىسىدە تۇرغان، 1911 - يىلى بۇ رايون <شىمالىي رودېزىيە> دەپ ئاتىلىپ، ئەنگلىيە جەنۇبىي ئافرىقا شىركىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. 1924 - يىلى بۇ جاي رەسمىي ھالدا ئەنگلىيىنىڭ <ھامىلىقىدىكى دۆلەت> دەپ تىزىلغان. 20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرى زامبىيىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەركىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ قولىدىن ۋەتىنىنى تارتىۋېلىش ئىرادىسىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن،كاۋىندا رەھبەرلىكىدىكى مىللەتچىلەر <زامبىيە> نامى بىلەن ئۆز پارتىيىسى - زامبىيە ئافرىقا خەلق قۇرۇلتىيى پارتىيىسىنى ئاتىغان. زامبىيە سۆزى زامبېزى دەرياسى zambezi نامىنىڭ ئايىقىدىكى ezi نى لاتىن تىلىدىكى يەر - جاي نامى كەينى قۇشۇلغۇچىسى < ia - > (< - نىڭ دۆلىتى>) غا ئالماشتۇرۇشتىن ھاسىل بولغان. 1964 - يىلى 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى <شىمالىي رودېزىيە> مۇستەقىللىق جاكارلاپ، <زامبىيە جۇمھۇرىيىتى> دەپ ئاتالغان.
زامبىيىنىڭ يەر مەيدانى 752.6 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 8 مىليون 640 مىڭ. بانتۇلار 98%نى ئىگىلەيدۇ. 80% ئاھالە ئىپتىدائىي دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىنگلىز تىلى ھۆكۈمەت تىلى ھېسابلىنىدۇ.پايتەختى لۇساكا، پۇل بىرلىكى زامبىيە كۋاچاسى.
- 1964 يىلى ئۆكتەبىردە، ئىلگىرى ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى، ھىمايە ئاستىدىكى دۆلىتى بولغان شىمالىي رودېزىيە زامبىيە دېگەن يېڭى دۆلەت نامى بىلەن ئەنگلىيىدىن ئايرلىپ مۇستەقىل بولغان. < مىس كان دۆلىتى > دەپ تەرىپلەنگەن زامبىيە، زامبىيە دەرياسى دۆلەت چېگىرىسىدىن ئۆتىدىغانلىقى ئۈچۈن زامبىيە دەپ ئاتالغان. زامبىيە مىللىي مۇستەقىل بىرلەشمە پارتىيىسىنىڭ پارتىيە بايرىقىغا ئاساسەن تۈزۈلگەن زامبىيە دۆلەت بايرىقى يېشىل رەڭنى ئاساس قىلىپ، بايراقنىڭ ئۈستىدىكى ئوڭ بۇلۇڭ تەرىپىگە پەرۋاز قىلىۋاتقان بىر قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك شۇڭقارنى سىزغان. زامىبىيە خەلقى خۇددى ئاشۇ پەرۋاز قىلۋاتقان بۈركۈتكە ئوخشاش. ھەر قانداق قىيىنچىلىقنى يېڭىدىغان شىجائەت ۋە كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، بىرلككە كەلگەن، ئەركىن ۋە تېخىمۇ قۇدرەتلىك زامبىيىنىڭ بارلىققا كېلىدىغانلىقىدىنمۇ دېرەك بەرگەن. شۇڭقارنىڭ ئاستىغا قىزىل، قارا ۋە قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئۈچ تىك يول سىزىلغان. زامبىيىنىڭ مول بايلىقى يېشىل رەڭگە ئورالغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئۆلچىشىنى ۋە قېزىشىنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ قىزىل رەڭ خەلقنىڭ مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان جاپالىق كۈرەشنى مەڭگۈ ئېسىدە ساقلاشنى بىلدۈرگەن؛قارا رەڭ كەڭ زامبىيە خەلقنى كۆرسەتكەن؛ قىزغۇچ سېرىق رەڭ مول قېزىلما بايلىقنى بىلدۈرگەن.
زامبىيە دۆلەت گېربى 1965 - يىلى تۈزۈلگەن بولۇپ، ئەڭ ئۈستىدە بىر قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك شۇڭقار پەرۋاز قىلغان، ئۇنىڭ كەڭ قانىتى دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداپ تۇرغان. دۆلەت گېربىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قالقاننىڭ ئىچىگە سىزىلغان قارا ۋە ئاق دولقۇنسىمان تىك سىزىق زامبىيە دەرياسىنىڭ ھەيۋەتلىك ھەم كۆركەم ۋىكتورىيە چوڭ شارقىراتمىسىنى كۆرسەتكەن؛ ئىككى يېنىدىكى ئەر بىلەن ئايال كەڭ خەلقنى بىلدۈرگەن. قالقاننىڭ ئۈستىدىكى گىرەلەشتۈرۈپ قويۇلغان ئوتىغۇچ بىلەن قازغۇچ خەلقنىڭ كان ۋە ئېتىزدىكى ھالال ئەمگىكىنى ئىپادىلىگەن. قالقاننىڭ ئاستىدىكى مۇنبەت يېشىل ئېدىرلىقلارنىڭ ئارىلىقىغا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ سىمۋولى بولغان كۆممقۇناق سىزىلغان، سول تەرەپتىڭكى كان بىلەن زاۋۇت ئۆيلىرى يېشىل قېزىلما بايلىقى بىلەن سانائەتنى بىلدۈرگەن؛ ئوڭ تەرەپكە ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدا بولدىغان زېبرا سىزىلغان. ئاق لېنتىغا: < زامبيە بىر، دۆلەت بىر > دېگەن سۆز يېزىلغان.