Lughet
لۇغەتخەنزۇچە德意志邦联
ChineseUyghurئاساسىي لۇغەت

德意志邦联

دۇنيا تارىخى گېرمانىيە ئىتتىپاقى گېرمانىيە شتاتلار ئىتتىپاقى. 1815 - يىل 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ۋېنا يىغىنىدا ماقۇللانغان <شتات ئىتتىپاقى قانۇنىي لايىھىسى> گە ئاساسەن تەشكىل قىلىنغان. ئۇ 34 فېئودال پادىشاھلىق ۋە تۆت ئەركىن شەھەرنى (ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەردە سانىمۇ ئوخشاش بولمىغان) ئۆز ئىچىگە ئالغان. ماين دەرياسى ۋادىسىدىكى فرانكفورتتا ئىتتىپاقنىڭ ئالىي ئورگىنى بولغان ئىتتپاق پارلامېنتى تەسىس قىلىنغان. ئاۋسترىيە ۋەكىل رەئىس بولغان. بۇ ئورگان مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ فۇنكىسىيىسنى ئىجرا قىلمىغان، ئۇنىڭ قارارلىرى چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولمىغان، ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر پۈتۈنلەي سىياسىي مۇستەقىللىككە ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. ئىتتىپاق ھەرقايسى شتاتلارنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاش ۋە ھەرقايسى شتاتلاردىكى ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇش رولىنىلا ئوينىغان. 1848 - 1849 - يىللىرىدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە بىر مەھەل پارچىلىنىپ، 1850 - يىلى قايتا تەشكىل قىلىنغان. 1866 - يىلى پروسسىيە - ئاۋسترىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن پارچىلانغان.
Rate this entry

مۇناسىۋەتلىك سۆزلەر

德意志ChineseUyghur德意志人ChineseUyghur德意志气质ChineseUyghur德意志帝国ChineseUyghur德意志品质ChineseUyghur德意志霍夫ChineseUyghur
← ئىزدەش