Uyghurئاساسىي لۇغەت
مالتوزا
بىئولوگىيە
ئىككى مولېكۇلا گلۇكوزا ھەر قايسىنىڭ (C 1 - C 4) دىكى گىدروكسىل رادىكاللىرىنىڭ α - گلۇكوزىد بېغى ئارقىلىق تۇتىشىشىدىن ھاسىل بولىدىغان دى ساخارىد. تەركىبىدە ئەركىن ئالدېگىد رادىكالى بولغانلىقتىن، ئوكسىدسىزلاش خۇسۇسىيىتى، ئوزازون ھاسىل قىلىش رولى بولىدۇ. مالتوزا α - ۋە β - تىپلىقتىن ئىبارەت ئىككى خىل تۈزۈلۈشلۈك بولغانلىقتىن، نۇر بۇرىشى ئۆزگىرىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە. مالتوزا نۇرنى ئوڭغا بۇرايدىغان بىر خىل قەنت بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا نۇر بۇراش دەرىجىسى ° 136 بولىدۇ. كراخمالنى ئارپا ئۈندۈرمە ئامىلازىسى بىلەن گىدرولىزلاپ، ئوزۇقلۇق قىلىنىدىغان ئارپا قەنتىنىڭ ئاساسلىق تەركىبىنى تەييارلىغىلى بولىدۇ، ئېچىتقۇ ئىنتايىن ئاسان ئېچىيدىغان ئۆستۈرگۈچ قىلىپ پايدىلانغىلىمۇ بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛ئىنگلىزچە
خىمىيە
قەنتنىڭ بىر خىلى. ئاق رەڭلىك يىڭنىسىمان كرىستال بولۇپ تەمى ساخاروزىنڭكىگە يەتمەيدۇ. ئاددىي قەنتلەرگە پارچىلىنىدۇ. ئۇ ئورگانىزمدا كراخمالدىن ئامىلازا ئارقىلىق پارچىلىنىپ شەكىللىنىدۇ. سانائەتتە كۆپىنچە كراخمالدىن ئېلىنىدۇ. ئادەتتە قەنت - گېزەك ۋە دورا قاتارلىقلارنى ياساش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.