Uyghurئاساسىي لۇغەت
ساراي
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مېھمانلار يولۇچىلار كۈتۈۋېلىنىدىغان قونالغۇ جاي.
<مېھمانخانا> ئۆي - جاھازلىرى تولۇقراق ۋە ياخشىراق، زامانىۋى كۈتۈش ئۆيلىرىگە قارىتىلغان.
ئائىلىدە مېھمان كۈتۈشكە تەييارلانغان ئۆيمۇ مېھمانخانا دېيىلىدۇ.
<ساراي> ئۆي - جاھازلىرى ئاددىيراق، كۆپىنچە سو
كوئىنلۇن مېھمانخانىسى ھازىر <ئىككى يۇلتۇزلۇق> مېھمانخانا دەپ بېكىتىلگەن. تەڭرىتاغ سارىيى مېھمانلارنى ياخشى كۈتىدۇ. ئاقسۇدىن كېلىۋېتىپ، <تاش دەڭ> گە چۈشۈپ ئۆتتۇق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خانلار، بەگ - خوجاملار تۇرىدىغان ئالىپتە بىنالار.
گۇگۇڭ ئوردىسى: ئاق ئوردا. خاننىڭ ئوردىسى - ھەرىنىڭ ئۇۋىسى. مۇھەببەت ئاددىي ئۆينى ئوردا قىلار. قىزىل ساراي. قىشلىقى قايان باراي، يازلىقى ساراي سالاي. قارشى ئەھلى بىر - بىرىگە قارشىدۇر. <قىزىل راۋاقتىكى چۈش> تە تەسۋىرلەنگەن <داگۇەنيۈن> قەسىرى فېئوداللارنىڭ ئۆز زامانىسىدىكى تۇرمۇشىنى ياخشى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
دۇنيا تارىخى
ياپونىيە سودا سارايلىرى، يەنى، ساتقۇچى بىلەن ئالغۇچى ئوتتۇرىسىدىن شىرىنكانە ئېلىپ، سودىنى كېلىشتۇرىدىغان سودا ئورگىنى. ساقلاپ بېرىش سارىيى، يەنى مال سارىيى؛ قوبۇل قىلىش سارىيى، يەنى مال ئېلىش سارىيى بار. يەنە ھەر خىل ماللار بىلەن تىجارەت قىلىشتىن تەرەققىي قىلىپ مەخسۇس سارايغا ئايلانغانلىرى، ئالايلۇق ئاشلىق سارىيى، ماي سارىيى بار. بۇلاردىن باشقا پىششىقلاپ ئىشلەش سارايلىرىمۇ بولۇپ، بۇلارنىڭ ئۇستىخانا قول سانائىتى خاراكتىرىمۇ بار. چوڭ شەھەرلەردە سارايلارنىڭ بىرلەشمە تەشكىلاتى، ئالايلۇق، ئوساكادا 24 گۇرۇپپا ساراي،ئىدۇدا 10 گۇرۇپپا ساراي بار. بۇ سودا ئورگانلىرى ئىدو دەۋرىدىكى باكو شوگناتى ۋاسساللىقى تۈزۈلمىسى شارائىتىدا تاۋارلارنى توپلاش - تارقىتىش رولىنى ئويناپ، ئوبوروتقا پايدىلىق بولغان، لېكىن بەزى سارايلار باكوشوگناتى ياكى ۋاسسال بەرگەن ئىمتىيازىغا تايىنىپ، مال باھاسىنى خالىغانچە بەلگىلەپ،بازارنى مونوپول قىلىۋالغان. تېمپو ئىسلاھاتى مەزگىلىدە مەنئى قىلىنغان. كېيىن 1851 - يىلى (كائېئىنىڭ 4 - يىلى) ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. مېيجى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىدىن كېيىن، فېئوداللىق ئمتىياز يوقالغانلىقتىن، سارامويلارمۇ بارا - بارا ئاجىزلىشىپ كەتكەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
خان، پادىشاھ ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىر - ۋۇزرالىرى، ئائىلە - جەمەتى تۇرغان ھەمدە تۈرلۈك مەقسەتلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھەرخىل خانىلار، زاللار ۋە ھويلىلاردىن تەشكىل تاپقان ھەشىمەتلىك جاي؛ ئوردا.
يازلىق ساراي. قىشلىق ساراي.
ئىجتىمائىي مەقسەتلەر ئۈچۈن سېلىنغان ۋە جاھازلانغان ياكى تەنتەربىيە ۋە ياكى ھەرخىل مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى، سودا ئىشلىرى بولۇپ تۇرىدىغان جاي، زال بىنا.
خەلق سارىيى. مەدەنىيەت سارىيى. ئوردىنىڭ رەسمىيەت سارىيى.
يولۇچى ۋە سودىگەرلەر قونىدىغان ياتاق، ھويلىسى ۋە ئېغىلى بولغان مېھمانخانا، دەڭ.
بىر كۈنى ئەپەندىم بازارغا بېرىپ ئاغىنىسى بىلەن بىر سارايدا قونۇپ قېلىپتۇ.
مەخسۇس مېھمانلار ئۈچۈن سېلىنغان ياكى تەييارلانغان چوڭراق ئۆي، مېھمانخانا.
يىگىتلەر بولسا، سالىنىڭ ئايرىم ياسىغان سارىيىنى ئىگىلىگەنىدى.
ئامبار، ئىسكىلات.
سوغۇق ساراي. ياڭاق سارىيى.