Uyghurئاساسىي لۇغەت
كەلمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
مېڭىش، ئۇچۇش ياكى قاتناش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق سۆزلىگۈچى تۇرغان ياكى كۆرسەتكەن، ئېيتقان تەرەپكە، ئورۇنغا يېقىنلاشماق، يېتىپ بارماق، يەتمەك.
ئۈجمە تۈگىگەندە سوپىسوپىياڭ كەپتۇ (ماقال).
قېرى كەلسە ئاشقا، ياش كەلسە ئىشقا (ماقال).
بەلگىلەنگەن جايغا يېتىپ بارماق، ئادرېس بويىچە تاپشۇرۇلماق ياكى قارشى تەرەپنىڭ قولىغا تەگمەك (ئەۋەتىلگەن نەرسە ۋە تېلېفون، تېلېگرامما قاتارلىقلار ھەققىدە).
بۈگۈن ئۇيغۇرچە گېزىتنىڭ يېڭى سانى كەلدى.
ئاڭلانماق، قۇلاققا كىرمەك، ئىشتىلمەك، بىلىنمەك (ئاۋاز، خەۋەر قاتارلىقلار ھەققىدە).
ئەمدى ئۇخلاي دەپ تۇرسام، يىراقتىن بىرنەچچە ئادەمنىڭ سۆزلەشكەن ئاۋازى كەلدى.
سېزىلمەك، تۇيۇلماق، بىلىنمەك (پۇراق قاتارلىقلار ھەققىدە).
بۈك - باراقسان باغلاردىن گۈپۈلدەپ كۈزلۈك ئالمىلارنىڭ پۇرىقى كېلەتتى.
باشلانماق، كىرمەك (پەسىل، مەۋسۇم، ۋاقىت ھەققىدە).
كۈنلەر ئۆتۈپ كۈن كەپتۇ، ھەپتە ئۆتۈپ، ئاي كەپتۇ.
توغرا تۇرماق، ئالغىلى ياكى ئالماشتۇرغىلى بولماق، ئېلىنماق.
ئۇ قارىسا ئاشقان پۇلىغا ئارانلا بىر نان كېلىدىكەن.
ھېس - تۇيغۇ ياكى ھالەتكە مۇناسىۋەتلىك بەزى سۆزلەر بىلەن كەلگەندە، شۇ سۆز بىلدۈرگەن ھېس - تۇيغۇ ياكى ھالەتنىڭ پەيدا بولۇشىنى بىلدۈرۈپ <پەيدا بولماق، قوزغالماق> دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ.
دادامنىڭ قىلىقلىرىغا قاراپ ئاچچىقىم كېلەتتى.
يارالماق، پەيدا بولماق، مەۋجۇت بولماق، تۆرەلمەك، كۆرۈلمەك.
مەن ئالەمگە كېلىپ تېخى مۇنداق ئىشنى كۆرمىگەنىدىم.
<ـغۇ، ـ قۇ، ـ گۈ، ـ كۈ> قوشۇمچىلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ياسالغان ھەم شەخس (ئىگىلىك) كاتېگورىيىسىدە كەلگەن پېئىللار بىلەن بىرىككەندە، شۇ پېئىل بىلدۈرگەن ھەرىكەتنى ئورۇنداش ئىستىكىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى، قوزغالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
بولغانسېرى بولغۇسى كېلەر (ماقال).
مېنىڭ دائىم ئاچچىق نەرسىلەرنى يېگۈم كېلىدۇ.
نېسىپ بولماق، مەنسۇپ بولماق، قولغا چۈشمەك، ئىلكىگە، تەۋەلىكىگە ئۆتمەك.
بىزنىڭ غەلبىمىز قان بەدىلىگە كەلدى.
بۇيرۇق پېئىل شەكلىدە تەكلىپ، چاقىرىق، دەۋەت ۋە قىستاش مەنىلىرىنى ئىپادىلەيدۇ.
قېنى كېلىڭلار، بۇرادەرلەر، ئازراقتىن ئىچىشىپ قويايلى.
- بۇ ياققا كەل! - دەپ ۋارقىرىدى باي قوپاللىق بىلەن.
ھەجىم، ئۆلچەمنى بىلدۈرگەن سۆزلەردىن كېيىن <ـ دىغان، ـ گۈدەك> قوشۇمچىلىرى بىلەن كېلىپ، ئېيتىلىۋاتقان نەرسىنىڭ شۇ مىقدار سۆزلەر بىلدۈرگەن ھەجىم، ئۆلچەم ياكى مىقدارغا تەڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇ كۆلدە ئۇزۇنلۇقى 15 گەز كېلىدىغان بىر سۇ ھايۋىنى بار ئىكەن.
ئۇ توقايلىقتا قويلىرىنى ئالدىغا سېلىپ، بىر ھارۋا كەلگۈدەك يانتاقنى يۈدۈپ كېتىۋاتقان قۇتلۇقنى كۆرگەنىدى.
يۆنىلىش كېلىشتە كەلگەن بىر قىسىم ئىسىم ياكى ئىسىم خاراكتېرىدىكى سۆزلەر بىلەن كېلىپ: 1( شۇ سۆز بىلدۈرگەن نەرسىنىڭ بايانىغا، تەپسىلاتىغا، ئىزاھىغا ياكى شۇ توغرىلىق مۇھاكىمىگە ئۆتۈشنى بىلدۈرىدۇ.
ئۆزۈمگە كەلسەم، مەن ياقتۇرمايمەن.
ئەرز يېزىشقا كەلسەك، ئۇ بالىلارنىڭ ئويۇنچۇق ئوينىغىنىدەك بىرئىش.
2) شۇ سۆز بىلدۈرگەن ئۇقۇمغا، چۈشەنچىگە ئېرىشىشنى ياكى ئۇنى توغرا دەپ بىلىشنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇلار بۇ مەسىلىدە ئورتاق پىكىرگە كەلگەنىدى.
چىقىش كېلىشتە كەلگەن شەخس ياكى جانلىق نەرسىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر بىلەن كېلىپ، بىرەر ئىش - ھەرىكەتنىڭ شۇ سۆز بىلدۈرگەن شەخس ياكى نەرسە تەرىپىدىن بېجىرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
قولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما (ماقال).
چىقىش كېلىشتە كەلگەن ئىسىملار بىلەن كېلىپ، ھەرىكەت ياكى سۆزنى ئەڭ ئاۋۋال شۇ ئىسىم بىلدۈرگەن نەرسە ياكى جايدىن، ئورۇندىن باشلاشنى ياكى شۇ نەرسە ئۈستىدە گەپلىشىش ياكى پاراڭلىشىشنى بىلدۈرىدۇ.
قېنى، ئاۋۋال ئاشتىن كېلەيلى.
بەلگە، خۇسۇسىيەتنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر بىلەن كېلىپ، ئېيتىلغان نەرسىنىڭ شۇ بەلگە، خۇسۇسىيەتكە ئىگە ھالەتتە تۇرغانلىقىنى ياكى شۇنداق سۈپەتتە، شەكىلدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئالۋاستى بوش كەلگەننى باسىدۇ.
يۆنىلىش كېلىشتە تۈرلەنگەن مەلۇم بىر خاراكتېر ياكى ئالاھىدىلىك، تۇرق - ھالەتنى بىلدۈرىدىغان سۆز ياكى سۆز بىرىكمىسى بىلەن كېلىپ، ئېيتىلىۋاتقان نەرسىنىڭ شۇ ھالەت، شەكىلگە كىرگەنلىكىنى، ئىگە بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ھەم ئاساسەن <كىرمەك> دېگەندەك مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ.
كېيىك بىر يۇمىلىنىپلا گۈزەل قىز سىياقىغا كەپتۇ.
<لىق، باب، تار> قاتارلىق بەزى سۈپەتلەر بىلەن كېلىپ، بىر نەرسىنىڭ يەنە بىر نەرسە ئۈستىگە، ئىچىگە ياكى مەلۇم بىر ئورۇنغا شۇ سۈپەتتە جايلاشقانلىقىنى، ئورۇنلاشقانلىقىنى ياكى قويۇلغانلىقىنى، كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئىككى پارچە غۇلجا تەڭلىماتى پاكار سۇپىغا لىققىدە كەلگەنىدى.
بولماق (<ماقۇل> سۆزى بىلەن كەلگەندە).
پاقىمۇ بۇ مەسلىھەتكە ماقۇل كەپتۇ.
مۇۋاپىقلاشماق، قاملاشماق، قولاشماق، ماسلاشماق.
- تىلىڭ گەپكە كېلەمدۇ - يوق؟ - ۋارقىرىدى ئۇ غەزەپلىنىپ.
ئۇچرىماق، يولۇقماق، نامايان بولماق، پەيدا بولماق.
ئۇ ئالدىغا كەلگەن ئىشلارنى سېنىڭ، مېنىڭ دېمەستىن ئىشلەۋېرەتتى.
<تىل> ئورۇنلاشماق، جايلاشماق، تۇرماق (جۈملىدىكى سۆزلەرنىڭ ئورنى ياكى رولى ھەققىدە).
<ئۇ بۈگۈن كەلدى> دېگەن جۈملىدىكى <ئۇ> سۆزى جۈملىنىڭ بېشىدا كېلىپ ئىگە بولغان.
<تىل> تۈرلەنمەك؛ بىرىكمەك، يانمۇيان تۇرماق.
<دۇنيانىڭ> دېگەن بۇ سۆز ئىگىلىك كېلىشتە كەلگەن.
داۋاملىشىپ مەلۇم نوقتىغا يەتمەك، بارماق.
ئۇنىڭ خىيالى مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۆيگە بىر كىشى كىرىپ كەلدى.
بەزى سۆزلەر بىلەن بىرىكىپ پېئىللاشتۇرۇش رولىدا كېلىدۇ (بۇ چاغدا ئاساسەن <بولماق> مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ).
دۇچ كەلدى. يېقىن كەلدى. تەڭ كەلدى.
رەۋىشداشلار بىلەن بىرىكىپ ئىش - ھەرىكەتنىڭ ئىزچىل ھالدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
بىز سىلەرگە يېتەرسىزلىكلىرىڭلارنى تونۇۋېلىشىڭلار ئۈچۈن پۇرسەت بېرىپ كېلىۋاتىمىز.
بەزى سۈپەتتىن ياسالغان پېئىللارنىڭ رەۋىشداش شەكلىگە قوشۇلۇپ كېلىپ نەرسە ياكى ئىش - ھەرىكەتنىڭ شۇ رەۋىشداش ئىپادىلىگەن تەرزدە، يۆنىلىشتە تەدرىجىي تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى، تەدرىجىي ھالدا، ئەسلىي سۈپەت بىلدۈرگەن ھالەتكە قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
خەلق تۇرمۇشى كۈنسېرى ياخشىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.
بىزنىڭ ئەھۋالىمىز ئوبدانلىشىپ كېلىۋاتىدۇ.
<كىرىپ، چىقىپ> رەۋىشداشلىرى بىلەن كېلىپ، شۇ رەۋىشداش ئىپادىلىگەن ھەرىكەتنىڭ تاسادىپىي، تۇيۇقسىز ھالدا، جىددىي تەرزدە يۈز بەرگەنلىكىنى ھەم تاماملانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئىككى تەرەپتىن قوشۇن تەڭلا چىقىپ كەتتى.
دەل شۇ چاغدا ياتاققا دۇرنەم بىلەن پەرھات كىرىپ كەلدى.