English→Uyghurئاساسىي لۇغەت
Dum Dap
ئۇيغۇر چالغۇ ئاتالغۇلىرى
دۈمداپ
بۇ سوقما چالغۇ بولۇپ، مىس ياكى تۇچتىن، دۈگىلەك گىرۋەكلىك پەتنۇس شەكلىدە ياسىلىدۇ ھەمدە بىر چېتىدىن يىپ ئۆتكۈزۈپ، ياغاچ جازىغا ئېسىپ قويۇپ ياكى سول قولدا كۆتۈرۈپ، ئوڭ قولدا ياغاچ توقماق بىلەن ئوتتۇرىسىغا ئۇرۇپ چېلىنىدۇ.
ئۇيغۇر چالغۇ ئاتالغۇلىرى
دۈمداپ
بۇ قەدىمكى زامان كۇچا مۇزىكا ئوركېستىرلىرىدىكى مۇھىم سوقما چالغۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، جاللانىڭ يېقىن قېرىندىشىدۇر. ئۇ مىستىن دۈگىلەك، يوغان، قىرلىق پەتنۇس شەكلىدە ياسىلىپ، بىر قولدا چېتىدىن باغلانغان يىپىدىن كۆتۈرۈپ (جازىغا ئېسىپ)، يەنە بىر قولدا ئۇچىغا لاتا يۆگەلگەن ياغاچ توقماق بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدۇ ھەمدە ئاجايىپ جاراڭلىق ئاۋاز ئارقىلىق مۇزىكىنىڭ كۈچلۈك ئۇدارلىرىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇنىڭ چوڭ - كىچىك، خىلمۇ خىل نۇسخىلىرى بولۇپ، ئاۋازىنىڭ كۈچى ۋە يۇقىرىلىقىمۇ ئوخشاشمايدۇ. ئۇلار خىلمۇ خىل مۇزىكا رىتىملىرىدا بىر - بىرىگە ئۆز ئارا تەڭكەش قىلىنىپ چېلىنىش ئارقىلىق كەيپىياتنى جانلاندۇرىدۇ.
دۈمداپ قەدىمكى دەۋرلەردە ئۇيغۇر ئوركېستىرىنىڭ <شىر - يولۋاس ئويۇنى> ۋە <نىقابلىق ئۇسسۇل> لارغا تەڭكەش قىلىشتىكى جاللا بىلەن بىرگە قوللىنىلىغان ئاساسلىق سوقما چالغۇدۇر.