—مەنبە
Hp سىناق قەغىزى
خىمىيە بىلىملىرى
خىمىيە ئېرىتمىلەردىن ئايرىلالمايدۇ. ئېرىتمە كىسلاتالىق، ئىشقارلىق ئېرىتمىلەرگە بۆلۈنىدۇ. ئېرىتمىلەرنىڭ كىسلاتا، ئىشقارلىقىنى تەكشۈرىدىغان ئۆلچەم «كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىدىغان pH سىناق قەغىزى» دىن ئىبارەت. pH سىناق قەغىزى بىر خىل تەييار سىناق قەغىزى بولۇپ، ئىشلىتىش ۋاقتىدا بىر پارچىسىنى يىرتىۋېلىپ ئۈستىگە بىر تامچە ئېرىتمە تېمىتىپ ئۇنىڭ رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئېرىتمىلەرنىڭ كىسلاتا - ئىشقارلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئۇنى ئىشلىتىش ئىنتايىن قۇلايلىق.
بۇ خىل سىناق قەغىزىنىڭ ئىشلىتىلىدىغان جايلىرى ناھايىتى كۆپ. پار قازان ئىشچىلىرى ئۇنىڭ بىلەن قازاندىكى سۇنىڭ pH قىممىتىنى تەكشۈرۈپ، بۇ سۇنىڭ پار قازىنىغا زىيان يەتكۈزىدىغان - يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى بىلىۋالىدۇ؛ ھەل بېرىش ئىشچىلىرى ئۇنىڭ بىلەن ھەل ئېرىتمىسىنىڭ pH قىممىتىنى كونترول قىلىدۇ، ئۇنداق قىلمىغاندا ھەل بېرىلگەن زاپچاسلار كېرەكسىز بولۇپ قالىدۇ؛ خىمىيە زاۋۇتلىرىدىكى ئىشچىلار pH قەغىزى بىلەن تەكشۈرۈش ئارقىلىق رېئاكسىيىنىڭ تاماملانغان - تاماملانمىغانلىقىنى، مەشغۇلاتنىڭ تەلەپكە يەتكەن - يەتمىگەنلىكىنى ئۆز ۋاقتىدا بىلىپ تۇرىدۇ.
ئېرىتمىلەرنىڭ كىسلاتالىق، ئىشقارلىق خۇسۇسىيىتى خىمىيىدە pH ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. pHئېرىتمىلەردىكى ھىدروگېن ئىئونىنىڭ قويۇقلۇقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بەلگە. ئالىملار ماددىلار سۇدا ئېرىگەندىن كېيىن ئانىئون ۋە كاتىئونلاردىن ئىبارەت ئىككى خىل ئىئونغا ئاجرىلىدىغانلىقىنى بايقىغان. ماددىلار ئوخشاش بولمىغاندا، ئۇلارنىڭ سۇدىكى ئېرىتمىلىرىدىكى ئانىئون، كاتىئونلار ئوخشاش بولمايدۇ، لېكىن، مەيلى قانداقلىكى ئېرىتمە بولسۇن ئۇلاردا ھىدروگېن ئىئونى بىلەن ھىدروكسىل ئىئونى بولىدۇ. ئېرىتمىدىكى ھىدروگېن ئىئونىنىڭ قويۇقلۇقى ھىدروكسىل ئىئونىنىڭ قويۇقلۇقىدىن چوڭ بولغاندا، ئېرىتمە كىسلاتالىق خۇسۇسىيەت ئىپادىلەيدۇ، ئەكسىچە بولسا، ئىشقارلىق خۇسۇسىيەت ئىپادىلەيدۇ. ئېرىتمىلەرنىڭ بۇنداق كىسلاتالىق، ئىشقارلىق خۇسۇسىيەتلىرى pH بەلگىسى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. ئېرىتمە كىسلاتالىق خۇسۇسىيەتتە بولغاندا7 <pH، ئېرىتمە ئىشقارلىق خۇسۇسىيەتتە بولغاندا7 < pH بولىدۇ. pH قىممىتى قانچىكى چوڭ بولسا، ئىشقارلىق خۇسۇسىيىتى شۇنچە كۈچلۈك، كىسلاتالىق خۇسۇسىيىتى شۇنچە ئاجىز بولىدۇ. ئەكسىچە pHقىممىتى قانچىكى كىچىك بولسا، كىسلاتالىق خۇسۇسىيىتى شۇنچە كۈچلۈك، ئىشقارلىق خۇسۇسىيىتى شۇنچە ئاجىز بولىدۇ.
بىزنىڭ ھاياتلىق پائالىيەتلىرىمىز بەدىنىمىزدىكى سۇيۇقلۇقنىڭ Hp قىممىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، دەم ئېلىۋاتقان ئادەمنىڭ بەدىنىدىكى قان پلازمىسى سۇيۇقلۇقىنىڭ pH قىممىتى ئاساسەن39 .7 بىلەن41 .7 نىڭ ئارىلىقىدا بولىدۇ. ئەگەر بىرىنچى قەۋەتتىن4 - قەۋەتكە50 سېكۇنتتا چىقساق، بىرقانچە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن قان پلازمىسى سۇيۇقلۇقىنىڭ Hp قىممىتى2 .7 ئەتراپىغا تۆۋەنلەيدۇ. ئىككى سائەتتىن كېيىن ئەسلىگە كېلىدۇ. بۇلغانغان ھاۋا تەركىبىدە كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنىڭ مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ، ئادەم بۇنداق ھاۋادىن نەپەس ئالسا قاندىكى كاربون (Ⅳ) ئوكسىد مىقدارى كۆپىيىپ كېتىش سەۋەبىدىن قاننىڭ كىسلاتالىقى ئارتىپ كېتىپ pH قىممىتى تۆۋەنلەيدۇ. بۇنداق ۋاقىتلاردا ئادەمدە ئاسانلا كىسلاتا بىلەن زەھەرلىنىش يۈز بېرىپ كۆڭلى ئېلىشىش، بېشى قېيىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا قۇسۇش، ھوشىدىن كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدىغان ئەھۋالمۇ بار، بوۋاقلار توختىماي يىغلىغاندا ئۆپكىسىگە ھاۋا بەك كۆپ كىرىپ كېتىپ، كۆپ مىقداردىكى كاربون (Ⅳ) ئوكسىد گازى زىيانغا ئۇچرىغاچقا، قاننىڭ pH قىممىتى بارا - بارا يۇقىرىلاشقا باشلايدۇ، ۋاقىت بەك ئۇزىراپ كەتسە ئىشقار بىلەن زەھەرلىنىش يۈز بېرىپ، پۇت - قوللىرى قولىشىپ قالىدۇ، ھەتتا يىغلىيالمايمۇ قالىدۇ.