Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاش
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئاشلىق، دان.
ئاق ئاش، قارا ئاش. ئىشلىسەڭ ئالىسەن قاپلاپ ئاش، ئىشلىمىسەڭ قالىسەن چايناپ تاش (ماقال). * ئاق لەيلى بار يەرگە ئاش تېرىما (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . پىشۇرۇلغان يېمەكلىك، تاماق، غىزا، تائام.
ئىش بار يەردە، ئاش بار (ماقال). * ئاشنىڭ ياخشىسى چۆچۈرە، ئىشنىڭ ياخشىسى كۆتۈرە (ماقال). * ئاش بەرگەن قازاننى چاقماق. * ئاش بەرگەنگە مۇشت بەرمەك. * ئىككى ئۆينىڭ قۇرغۇنلۇقى بىر ئۆيگە ئاش بولار (ماقال). * مەيدە ئاغرىتقان ئاش ئەمەس، كۆڭۈل ئاغرىتقان دوست ئەمەس (ماقال).
2 . پولۇ، قويۇقئاش، گۈرۈچ ئاش. ئاش دەملىمەك ئاش - مانتا، ئاش تارتماق، يۇرتقا ئاش بەرمەك.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
تېرە ئەيلەشكە تەييارلانغان خۇرۇچ.
ئاشلىماق، ئاشقا سالماق، ئاشتىن چىقماق. * تۇڭگۇز تېرىسى ئاش يېمەس (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ئاشماق، ئېشىش. 1 . «ئارت Ⅱ» گە قاراڭ.
ئاستا يۈرگەن تاغ ئاشار، يۈگۈرگەن باغ ئاشار (ماقال).
2 . نورمال ھالەتتىن ئۆتمەك. ئىسسىقى ئاشماق، سوغۇقى ئاشماق.
مەرھەمەت ھەددىدىن ئاشقان ھامان،
شۈكرىمۇ ھەددىدىن ئاشىدۇ بىگۇمان.
3 . ھالقىماق، ئۆتمەك. يالغۇز قىر ئاشقۇچە، كۆپ داۋان ئاشار (ماقال).
4 . ئېشىپ قالماق. ئاشقان ئاش بارات تازنىڭ (ماقال).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇيغۇر تامىقى : گۆش، پىياز، سەۋزىنى قورۇپ، كېيىن سۇ قۇيۇپ، ئاندىن گۈرۈچ دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ.
پولۇ بولمىسا ئۇماچ ئىچىكەن ياخشى، بىكار تۇرغاندىن جىگدە شۈمىگەن ياخشى. خۇدا دىگەن يەردە بالا يوق، شال تېرىغان يەردە پولۇ يوق. گۈرۈچ ئاش - توق ئاش. ئەقىلسىز بىلنەن ئاش يېگۈچە، ئەقىللىق بىلەن تاش توشۇ. مېھمانلارغا ئاخىردا قويۇقئاش تارتىلىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دانلىق زىرائەت دېنى.
ئۈنچە - مارجان تاش ئىكەن، ئارپا - بۇغداي ئاش ئىكەن. بولىدىغان ئاش كۆكىدىن مەلۇم. يېزا ئىگىلىكى _ خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئاساسى، ئاشلىق _ يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پىشۇرۇلغان يېمەكلىك.
ئاش يېگەن قۇتۇلۇپ، تاۋاق يالىغان تۇتۇلۇپتۇ. ئاش كەلسە، ئىمان قېچىپتۇ. ئاش بەرگەنگە مۇشت بەرمە. ئېشىنى يەپ قازىنىنى چېقىپتۇ. ئاشنى كۆرسە ئىچىڭ تاز، ئىشنى كۆرسە قېچىڭ تاز. دوختۇرنىڭ قېشىغا بارماي دېسەڭ، تاماقنى ئاز يە. ئاۋۋال تائام، ئاندىن كالام. ئىزا تارتقىنىم، غىزا تارتقىنىم. يېگۈدەك ئوقەت يوق ئۆيدەك جېدەل توختىماس. ئۆيدە يېمەك يوق قالدىم ئاچ، ئوقەت يەپ ئاندىن قاچ. يېگۈلۈك يوق يەردە جان يوق.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئاش، غىزا.
كۆنەلگۇمۇ شۇنداق دىېيىلىدۇ. ئاياق ئاشلا _ ئاياققا ئاش سال.
1 - 110
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئاش، غىزا، يېمەكلىك
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قۇربانلىق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
قازاندا پىشۇرۇلغان تاماق؛ غىزا، يېمەكلىك.
ئىش بار يەردە ئاش بار (ماقال).
پولۇ، قويۇقئاش.
بىز ئاش دەم يېگۈچە، باغقا كىرىپ ئايلىنىپ چىقتۇق.
ئۇن چىقىرىلىدىغان دانلىق زىرائەت.
بەشىنچى ئايدا بېشىنى كۆردۈم، ئالتىنچى ئايدا ئېشىنى (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تېرىنى ئاشلاش ئۈچۈن ئۇن، تۇز ۋە سۇنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئېچىتىپ تەييارلانغان ئۇماچ.