Uyghur→Chineseئاساسىي لۇغەت
سېرېرلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
塞雷尔人
sāi léi ěr rén
سېرېرلار سېنېگالدا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، <سارېلار>، <كىگۋېمېلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئاھالىسىنىڭ 1.99 پىرسەنتى سېنېگالدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى 1 مىليوندىن كۆپرەك بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 9.17 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، بىر قىسمى گامبىيە جۇمھۇرىيىتىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون 60 مىڭ.
سېرېرلار نېگىر ئىرقىنىڭ سۇدان تىپىغا كىرىدۇ، ئۆز ئىچىدىن نونولار ۋە سېنېنلار دەپ ئىككى چوڭ تارماققا بۆلۈنىدۇ.
سېرېرلار نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە سېرېر تىلىنىڭ ئىككى خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، بىر قىسىم ئاھالىسى ۋولوف تىلىنىمۇ بىلىدۇ، مىللىي يېزىقى يوق.
سېرېرلارنىڭ 80 پىرسەنتى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز قىسمى كاتولىك دىنى بىلەن خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا كۆممىقوناق، سۆك، خاسىڭ، قاتارلىق زىرائەتلەر تېرىلىدۇ، بىر قىسمى بېلىقچىلىق قىلىدۇ.
سېرېرلار سېنېگامبىيىلىكلەرنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ۋولوفلار بىلەن قانداشلىقى يېقىن.
سېرېرلارنىڭ ئەجدادلىرى قەدىمكى زاماندا سېنېگال دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنى ئەتراپىدا ياشاپ، كېيىن ۋولوفلار ۋە فۇرانىلار تەرىپىدىن سىقىپ چىقىرىلىپ، ھازىرقى ئولتۇراقلاشقان رايونىغا كۆچۈپ كېلىپ، ئۇزاق ۋاقىت داۋامىدا بىر مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن.
سېرېرلاردا تەبىقىچىلىك ۋە ماترىئارخاللىق جەمئىيەتنىڭ قالدۇقلىرى ساقلاپ قېلىنغان، بىراق ئەرلەرنى ئاساسىي يادرو قىلغان ئائىلە - جەمئىيەتنىڭ تۈپ بىرلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
سېرېرلار بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش نىكاھ - ئائىلە تۈزۈمىنى يولغا قويغان، ئومۇمەن ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ سۈننىتىنى قىلدۇرىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
塞雷尔人
sāi léi ěr rén